خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا «ئاۋاز ئەۋرىشكىسى» يىغىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تۆت كوچىدا پوس تۇرۇۋاتقان ساقچى ۋە برونېۋىكنىڭ ئۇستىدىن كۆزىتىۋاتقان قوراللىق ئەسكەر. 2014-يىلى 17-ئىيۇل، ئاقسۇ.
تۆت كوچىدا پوس تۇرۇۋاتقان ساقچى ۋە برونېۋىكنىڭ ئۇستىدىن كۆزىتىۋاتقان قوراللىق ئەسكەر. 2014-يىلى 17-ئىيۇل، ئاقسۇ.
AP/Ng Han Guan

ئامېرىكىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس بىر بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ھەر بىر كىشىگە ئائىت بىئوئىستاتېستىكىلىق ئۇچۇرلارنى ئامبارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قاتتىق كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىشمۇ ئەنە شۇنىڭ قارمىقىدا ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىنى بۇنداق سىناقلارنىڭ «ئەڭ چوڭ تەجرىبىخانىسى» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپلا پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارماق ۋە قول ئىزلىرىنى، قان ئەۋرىشكىسىنى ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىشقا باشلىغان ئىدى. 2016-يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئائىت ئاشكارىلانغان بىر پارچە خىزمەت دوكلاتىدىمۇ «كۆچمەنلەرگە دائىر ئۇچۇر توپلاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭىدىن 14 ئاۋاز ئەۋرىشكىسى توپلاندى» دېيىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرىدىكى مىساللار بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىك ساقچى ئورگانلىرى چىقارغان ئوخشاش تۈردىكى ئۇقتۇرۇشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، دۆلەت بويىچە «ئاۋاز ئامبىرى» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى «Iflytek» دەيدىغان بىر شىركەت بىلەن نىشانلىق كىشىلەرنىڭ تېلېفون پاراڭلىرىدىكى ئاۋازىنى ئاپتوماتىك ھالدا پەرقلەندۈرۈدىغان بىر خىل سىستېما ئۈستىدە ھەمكارلىشىۋاتقان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان كىشىنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە قانداق كىشىلەرنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسى ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ ئەۋرىشكىلەرنىڭ قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر قانۇنىي ئاساس كۆرسەتمىگەن.

خىتايدىكى ساقچى ئورگانلىرى كىشىلەرنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ۋە قول ئىزلىرى، DNA ئۇچۇرى ۋە شۇنداقلا ئۆلچەملىك تارتىلغان باش رەسىمى بىلەن بىرلىكتە يىغىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ سىستېمىلاشتۇرۇلىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدەك بىر دۆلەتتە بىر كىشىگە ئائىت شۇنچە كۆپ ئۇچۇرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايغا ئوخشاش خۇسۇسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئائىت بىر قانۇن بولمىغان ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە رىقابەت ئېلان قىلغىلى بولمايدىغان بىر دۆلەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر كىشى ھەققىدە بۇنچە كۆپ نەرسە بىلىشى كىشىنى قورقۇتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. مەسىلەن ئاۋاز ئەۋرىشكىسى يىغىش مەسىلىسىنى ئالساق، بۇ ئەۋرىشكىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر كىشىگە ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىگە ياكى تونۇش بىلىشلىرىگە قارشى ئىشلىتىشى ۋە قانداقتۇر ئۇ كىشىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ساقچى ئورگانلىرى بۇ ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنى تور ئارقىلىق قاقتى -سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى ۋاقتىدا بايقاش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» قا پايدىلىق، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن ئاتالغۇلارنى تىنچلىقپەرۋەر ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر باھانە قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدىكى بۇ ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش ياكى تەشكىللىنىش سەۋەبلىك قولغا چۈشۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى باشلاپ، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بارماق ئىزى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش، DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، زور بىر بىئوئىستاتېستىكا ئۇچۇر ئامبىرى شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئىدى. تېخى ئالدىنقى ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى خەۋەر تارقىتىپ، بۇ يىل 7 -ئايدا باشلانغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دە 18مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ۋەزىپىنىڭ 99 پىرسەنت ئورۇنلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» 2016‏-يىلى سېنتەبىردە باشلىنىپ، بۇ يىل 2‏-ئايدا ئاخىرلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى خەلقنىڭ كېسىلىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ھەقسىز ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى يولغا قويۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرىنى توپلاپ، DNA ئامبىرى قۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش» دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دوكتور سوفى رىچاردسون خانىممۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىئوئىستاتېستىكا خىزمەتلىرىدىكى «ئەڭ چوڭ تەجرىبىخانا» قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدە بىز شىنجاڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان يۇقىرىدىكىدەك پەن -تېخنىكىلىرىنى سىناق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بىر تەجرىبىخانا بولغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك بىر تەرەپلىمىلىكىنىلا ئىپادىلەپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكە سادىق ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ، ئۇلاردىن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە گۇمانلىنىدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ كۆز قاراشتىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ شىنجاڭنى ئالاھىدە نازارەت قىلىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى خېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «گۇمانلىق كىشىلەر» دەپ قاراشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى :

«نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئېلىۋاتقان بۇنداق قاتتىق نازارەت ۋە بېسىم سىياسەتلىرىنى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى› گە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ئېلى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ دەرۋازىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە تەقىبلەشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش مەلۇم دەرىجىدە توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە ئەسكەرتىدىغىنىم، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان رايوندا سىياسىي ھوقۇق جەھەتتىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ئېنىق بىر پاكىت. مۇشۇنداق ئىكەن، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولالمايدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى بىر مەسئۇلىياتچان دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ ئۇيغۇرلاردىن جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن گۇمانلىنىشتىن، ئۇلارنى ئۆز چېگرالىرىدىكى گۇماندارلار، گۇمانلىق كىشىلەر دەپ قاراشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىئوئىستاتېستىكىلىق ئۇچۇر سىستېمىسىدىن باشقا يەنە، يۇقىرى كۆرۈنۈش سۈپىتىگە ئىگە كامېرا، ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تەۋە كامېرالاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئارا ئورتاقلىشىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن نازارەتكە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى تېخنىكىلارنىمۇ سىناق قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىۋاتقان «Iflytek» شىركىتى خىتايدىكى ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇ ئۆز تور بېتىدە شىركىتىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ئاۋاز ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشتا ھەمكارلاشقانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ ۋە ئەنخۇي ساقچى ئورگانلىرىنى مۇشۇ خىل سىستېما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان «سۈنئىي ئەقىل» سىستېملىرىنى ياساپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ بىئوئىستاتېستىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ھەتتا ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت