د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا: ب د ت دا خىتاينىڭ سۇيىقەستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-06-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
(سولدىن ئوڭغا) ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەئىسى ناۋاڭ، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ئىش پىلانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پېتېر ئىنۋىن ئەپەندىلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 27-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا. 2014-يىلى 15-سېنتەبىر، جەنۋە.
(سولدىن ئوڭغا) ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەئىسى ناۋاڭ، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ئىش پىلانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پېتېر ئىنۋىن ئەپەندىلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 27-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا. 2014-يىلى 15-سېنتەبىر، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

11-ئىيۇندىن باشلاپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەمدە قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىلەر كۆپ قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرگەن.

12-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئىقتىسادىي پىلان ۋە ئاسىيادىكى ئىنسان ھەقلىرى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتى ھەققىدە توختالغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە، ھىندىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشقا ۋە ھىندونېزىيە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىغىمۇ رەھمەتلەر بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

13-ئىيۇن كۈنى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى «ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش: ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە تەرەققىيات ھەقلىرى» دېگەن تېمىدا داۋاملاشقان يىغىندا يەنە بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، 189 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يۈزلەرچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى شەرھلەپ ئۆتكەن.

بۇ ھەقتە بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى، ئۆز نۇتقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئاراغا بىلدۈرۈۋاتقان يالغان تەشۋىقاتىغا تامامەن زىت كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 35-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنى پروگراممىسىنىڭ 3-بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ھەققىمگە بىنائەن، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەسىلەن؛ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، قايتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە بەند قىلىنغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ مېڭە يۇيۇش كۇرسلىرىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش، ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇش، ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشلىرىنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە مەلۇمات بەردىم.»

پىتېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن، خىتاي ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، «ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە باھا بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىگە نىسبەتەن دۇنيا جامائىتىدە گۇمانلار پەيدا قىلىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ چەتئەللەرگىچە قول ئۇزارتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىگە ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىغان سۇيىقەستلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

6-ئىيۇن باشلىنىپ، 23-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان 35-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بەلگىلىك تەسىرلەر ياراتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت