يېڭىشەھەردە يۈز بەرگەن 12 - يانۋار بېلىقكۆل ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى (2)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.07.03
qeshqer-saqchi-herbiy-kocha-charlash.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 23-ئىيۇل، قەشقەر.
ImagineChina


بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈستىگە ساقچى فورمىسى كىيگەن ئىككى ئايال، ئۈچ ئەر پىدائىي بىر ئاپتوموبىل بىلەن يېڭىشەھەر تازغۇندىن يېڭىشەھەر بازىرىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، فورما كېيىم ئۇلارنىڭ يول دوقمۇشلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ دىققەت - نەزىرىدىن خالى ھالدا شەھەر مەركىزىگە ئىلگىرىلەپ كىرەلىشىگە ۋاستە بولىدۇ. فورمىلىق ئىككى ئايال پىدائىي بېلىقكۆل تەۋەلىكىدە ئاپتوموبىلدىن چۈشىدۇ، 3 ئەر پىدائىي بازار مەركىزىدىكى كۆكتات بازىرىغا قاراپ يولىنى داۋام قىلىدۇ. بېلىقكۆل، يېڭىشەھەر بازار ئىچىدىكى خىتاي چارلاش ساقچىلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ، مانا بۇ نۇقتىغا كەلگەن ئىككى ئايال پىدائىي بىردىن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ بېلىكىگە ئېسىلىپ بېلىدىكى بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتىدۇ، ئەمما يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان، تېخى سىناپ بېقىلمىغان بۇ بومبىلار پارتلىمايدۇ، پىدائىيلارنىڭ پەيلىدىن چۈچىگەن خىتاي ساقچىلىرى قاچىدۇ، ئىككى ئايال پىدائىي تاكى ئېتىۋېتىلگەنگە قەدەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ، تۆۋەندە بۇ ۋەقەنى ئەنە شۇ ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئالاھىدە ساقچىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدىكى قورال كۈچى پەرقى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ قارشلىق ھەرىكەتلىرىدە تۈرلۈك ئۇسۇل - تەدبىرلەرنى سىناپ بېقىشىغا تۈرتكە بولماقتا. قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلەردىن بىرى سۈنئىي مەيدان، سۈنئىي كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش. ئالدىنقى يىلى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە پىدائىيلار موتوسىكلىتلىرىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ يالغان قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغان، ساقچى ماشىنىسىدىن چۈشۈپ ۋەقەنى سورىغىنى كەلگەندە ھۇجۇم پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ يەنە مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى ئولىمپىك مەزگىلدە خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلغان ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتمۇ شۇ كۈنى ھەربىي كىيىم كىيىپ، ھەربىي مەشق قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە يېقىنلاشقان. بۇ قېتىم 12 - يانۋار بېلىق كۆل ۋەقەسىدە بەش نەپەر پىدائىي ساقچى فورما كىيىپ بىخەتەرلىك توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلىگەن ۋە ھەربىي گازارمىغا قەدەر يېقىنلىشالىغان. گەرچە ئۇلار رەقىپلىرىگە جىسمانىي زەربە بېرىش جەھەتتە كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، روھىي زەربە بېرىشتە، يەنى خىتاي ساقچىلىرىغا ۋەھىمە سېلىشتا مەقسىتىگە تولۇق يەتكەن. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن 12 - يانىۋار ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغان خىتاي مەتبۇئاتلىرى پىدائىيلارنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم جەريانىدىكى تەدبىر ۋە جاسارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

،

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.