دوختۇرلۇقتىن ۋاز كەچكەن ئۇيغۇر ياش: «ئۇيغۇر بىمارلىرى پراكتىكا ئوبيېكتى قىلىندى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.10.27
romal-saqal-cheklesh-diniy-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان خىتاي تۈزۈمى. رومال ئارتقان ۋە 45 ياشتىن تۆۋەن ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇش.
RFA/Erkin Tarim

دائىرىلەر يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم نامىدا كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا، بىر تۈركۈم دوختۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇنداقلا، بۇ دوختۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردىكى ئەۋزەل شارائىتتىن ۋاز كېچىپ، شارائىتى ناچار بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلارغا يەرلىشىپ، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتا قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا «قۇلايلىق» داۋالىنىش پۇرسىتى ياراتقانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دېھقانلىرى راستىنىلا خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ئەۋزەل شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟ يېقىندا غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن ياش ئۇيغۇر دوختۇر ئۆزى ئىككى يىل ئىشلەپ، ئىستېپا بېرىپ چىققان، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ھەربىي دوختۇرخانىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ، «تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ پراكتىكا ئوبيېكتى قىلىنىشى ۋە نائۇستا دوختۇرلارنىڭ قولىدا خاتا داۋالىنىپ نابۇت بولۇشى، مېنى بۇ دوختۇرخانىدا داۋاملىق ئىشلەشتىن ۋاز كەچۈرگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دېدى.

ئۇنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان ھەربىي دوختۇرخانا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا خېلى داڭلىق دوختۇرخانا بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىدا ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا ۋە دوختۇرخانا تۈزۈمىگە خىلاپ قىلمىشلار ئۇنى ئۇزۇندىن بۇيان ئازابلاپ كەلگەن. ئۇ، ئاخىرى دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 200 دىن ئارتۇق دوختۇرى بار دوختۇرخانا 10 يىللار ئىلگىرى ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا «داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى ھەربىي دوختۇرخانا» دەپ تەرىپلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بىمارلىرى دائىم كېلىپ كېسەل كۆرسىتىدىغان دوختۇرخانىغا ئايلانغان. ئەمما خىتاي تىلى بىلمىگەن ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ خىتاي دوختۇرلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە سىلكىشلىنىشى، خاتا داۋالاش سەۋەبىدىن ناكا قىلىنىشى، ھەتتا ئوپېراتسىيىگە قاتناشقان خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىدىكى سەۋەنلىكتىن ئۆكۈنۈشنىڭ ئورنىغا «پراكتىكا پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ماختىنىشى» قاتارلىق ئەھۋاللار بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى مەشغۇلاتىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا كۆپ قېتىم خالىس تەرجىمان بولۇش جەريانىدا، ئوپېراتسىيە قىلىنىشقا بۇيرۇلغان ئۇيغۇر بىمارلىرىغا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش تەكلىپى بەرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، بەزى بىمارلار ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، باشقا دوختۇرخانىلارغا كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نائۇستا خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ پراكتىكا ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئوپېراتسىيە كارىۋىتىدا نابۇت بولۇشى ئۆزىنى ئازابلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ۋە داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە، 2010-يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن بىر تۈركۈم «دوختۇرلار»نىڭ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ جەنۇبتىكى دوختۇرخانىلارغا تەقسىم قىلىنىپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ، داۋالىنىشىغا قۇلاي پۇرسەت يارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ ئۇيغۇر ياش مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانىمىزدا ئاساسەن ھەربىي دوختۇرلار ئىشلەيدۇ. يېقىندا ياردەم نامىدا ئىچكى ئۆلكىلەردىن 50 دوختۇر قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئۇلار ھەقلىق كېسەل كۆرىدىكەن، شۇ ئايلىق مائاشى كۆرگەن كېسەل سانىغا قاراپ بېرىلىدىكەن. ئەمما بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 45 كىشىنىڭ دوختۇرلۇق كىنىشكىسى يوق ئىكەن. ئەلۋەتتە سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى تەكشۈرۈش نامىدا دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال دوختۇرخانا باشلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كىنىشكىسى يوق «دوختۇرلار»نى ئۆيدە دەم ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇ كۈنكى كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرلار تىزىملىكى ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋاقىتلىق ئۆچۈرۈلىدۇ. تەكشۈرگۈچى خادىملار كەتكەندىن كېيىن بولسا ئۇلار قايتىدىن كېسەل كۆرۈشكە باشلايدۇ.»

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگىنى ئۈچۈن، دوختۇرخانا باشلىقلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، دوختۇرخانىدىكى نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.«مەن دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە 3 يىللىق تېخنىكوم مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن، «شىنجاڭغا ياردەم» ئۈچۈن كەلگەن بۇ ئاتالمىش «دوختۇرلار» كىنىشكىسى يوق ئەھۋالدا كېسەل كۆرۈپ كەلدى، ھەتتا سۆڭەك بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ سۆڭەك ئوپېراتسىيىسىگە قاتناشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم ۋە غەزەپلەندىم. بۇ ئىشنى دوختۇرخانا باشلىقىغا ئىنكاس قىلغىنىم ئۈچۈنلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىم ئاشۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىندىم. ئاخىرى خىزمىتىمدىن پۈتۈنلەي ئىستېپا بېرىپ، چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.