كېرىيىدىكى ھامىلە قەتلىئامىدا ئانىلار كارىۋاتقا باغلانغان، ئاتىلار تۇغۇت ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.12.30
qorsaqtiki-bowaq-olturush.jpeg تېخى بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇغۇلاي دەپ قالغان بوۋاق.
Photo: RFA

ئىككى كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان 6 نەپەر بوۋاقنىڭ ئانا قارنىدا ئۆلتۈرگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەتلى قىلىنغان بوۋاقلار ئاتا‏-ئانىسىنىڭ ھەسسىلەپ جەرىمانە تۆلەش تەلىپىگىمۇ پىسەنت قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا مەزكۇر قەتلىئامنىڭ كېرىيىدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەخسىي دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىلەرنىڭ مۇخبىرىمىزغا پاش قىلىشى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر مەزكۇر دوختۇرخانىدا 4 بوۋاق قەتلى قىلىنغان، يەنە 4 ئايلىق بىر ھامىلە ئۆلتۈرۈلۈشنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۆلتۈرۈلۈشى پىلانلانغان يەنە بىر ھامىلىنىڭ ئانىسى، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىدىن قېچىپ يۈرمەكتە.

سوئال: سىز مەتتۇرسۇن قاۋۇلمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ.
سوئال: ئاڭلىساق سىلەرگە بىر چوڭ ئاۋارىچلىق كەپتۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچراپسىلەر، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرى قانداق؟
جاۋاب: ئەر-ئايال ئىككىمىزنى خوتەندىن تۇتۇپ كېلىپ 8 ئاي 3 كۈنلۈك بالىمىزنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتتى، ھازىر بىز بىلەن بىر ياتاقتا ئۈچەيلەن بار، ئۇلارنىڭمۇ 6 ئايلىق، 7 ئايلىق بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
سوئال: ئايالىڭىز دوختۇرخانىغا قايسى كۈنى ئەكىلىندى؟
جاۋاب: چارشەنبە كۈنى. سائەت بىر بولغاندا ئوكۇل ئۇردى، ئوكۇل ئۇرۇلۇپ 16 سائەتتىن كېيىن بالا تۇغۇلدى، بالا يىغلاپ چۈشتى. يىغىسىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم، دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ كىرىپ بالامنى دوختۇرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپاردىم. ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي يېرىم سائەتتىن كېيىن جان ئۈزدى.
سوئال: بالىنىڭ تۇغۇلغاندىكى ھالىتى قانداق؟
جاۋاب: قاش-كۆزلىرى قاپقارا، تىرناقلىرىمۇ بار، رەسمىي بىر ئادەم شەكلىگە كىرىپ بولغان، تۇغۇلىدىغانغا يەنە 20 كۈنلۈك ۋاقتى بارىكەندۇق، دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە.
سوئال: بالىنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان چېغىڭلاردا، بالىنىڭ پىلاننىڭ سىرتىدىكى بالا ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: دېدۇق، 4-بالا ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى.
سوئال: سىلەرچە، ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكىلەر سەمىمىيلىك بىلەن قۇتقۇزۇشقا تىرىشىپ باققانمىدۇ ياكى بالا پىلاننىڭ سىرتىدىكى بالا بولغىنى ئۈچۈن، قەستەن كۆڭۈل بۆلمىگەن، يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغان ئەھۋال بارمىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىر گۇمانىڭلار بارمۇ؟
جاۋاب: دوختۇر، سېسترالارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ھەرىكەت قىلىپ باقتى، باشتىلا بىزنىڭ دوختۇرخانىغا كەلگەن بولساڭلار، بالىنى چۈشۈرمەيتتۇق، چۈنكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچىمۇ 5 ئايلىقتىن ئاشقان بالىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، سىلەرنىڭ يېزا ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ ئىشى بۇ دېيىشتى، شۇڭا بىر جان بولغاندىكىن، قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى دەپ ئويلىدۇق.

سوئال: نۇرلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ كىرگىنىڭىزدە نېمىنى كۆردىڭىز؟
جاۋاب: ئايالىم كارىۋاتتا باغلاقلىق يېتىپتۇ، ئۇ مېنى قۇتقۇزۇشما، بالامنى قۇتقاز دەپ ۋارقىراۋېتىپتۇ، بىر نەچچە خەنزۇ ئايال بالامنىڭ قورسىقىنى بېسىۋېتىپتۇ، بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ بېرىڭلار دېدىم، كالدىرلاپ بىر نېمە دېيىشتى؛ ئاخىرى بالىنى قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ئاچىقىپ كەتتىم.
سوئال: دوختۇرلار بالىنىڭ قورسىقىنى باسقاندا تىرىك تۇغۇلغاچقا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن باسقان ئوخشىمامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق دەپ پەرەز قىلىمەن. ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكىلەرمۇ بالىنىڭ قورسىقى قاتتىق بېسىلىپ كېتىپتۇ، زەھەر ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىپتۇ دېدى.
سوئال: ئايالنى كارىۋاتقا باغلاپ قويۇش ئادەتتە ھەممىسى ئۈچۈن قوللىنىلامدىكەن؟
جاۋاب: ياق، مەجبۇرىي ئەكىلىنگەنلەرگە قوللىنىدىكەن، ھازىر ئايالىمنىڭ بىلەكلىرى كۆك.
سوئال: سىلەر بىلەن بىر ياتاقتىكى قالغان ئۇچ ئايالنىڭمۇ بىلەكلىرى باغلىنىپتىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. پىدەي باغلىنىپتۇ. بالا ئۆلۈك تۇغۇلغاندىن كېيىن سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
سوئال: مۇشۇ دوختۇرخانىدا يەنە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى كۈتۈپ تۇرغانلار بارمۇ؟
جاۋاب: بىر ئائىلە قېچىپ يۈرۈپتۇ، بىر ئائىلىنى ھازىر ئەكەلدى.
سوئال: شۇ ھازىر ئەكىلىنگەن ئائىلىگە تېلېفونىڭىزنى بەرسىڭىز؟
جاۋاب: ۋەي، مەن مەتقۇربان نۇرى.
سوئال: چۈشۈرۈلمەكچى بولغان بالاڭلار قانچە ئايلىق؟
جاۋاب: 4 ئايلىق ئوغۇل، تۈنۈگۈن مېنى ساقچىخانىغا 24 سائەت سولاپ قويدى، بۈگۈن ئايالىمنى خوتەندىن مۆكۈپ يۈرگەن يېرىدىن تۇتۇپ ئەكەلدى. ھازىر ھەر ئىككىمىز دوختۇرخانىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىزگە ياردەم قىلساڭلار، 100 مىڭ سوم تۆلىسەكمۇ تۆلىسەك، بالا ئامان قالسا، بىزنى بەك بوزەك قىپكېتىۋاتىدۇ.
سوئال: قاچانلىققا ئوپېراتسىيە قىلىنماقچى؟
جاۋاب: بىر سائەتتىن كېيىن، دورا بېرىپ چۈشۈرىدىكەن. بىر ياردەم قىلىڭلار، بىر يول كۆرسەتسەڭلار!
سوئال: ئەسلى بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي خاتا. ئەمىسە سىز ھازىر ئايالىڭىزنى دوختۇرخانىدىن ئاچىقىپ كېتىڭ، بىرقانچە كۈن كۆرۈنمەڭلار، ئاڭغىچە بىز بۇ ئەھۋاللارنى يەتكۈزىدىغان يەرلەرگە يەتكۈزەيلى، بىر ئۈنۈمى بوپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
جاۋاب: بولىدۇ ئەمىسە، شۇنداق قىلاي.
سوئال: تېلېفونىڭىز ئوچۇق تۇرسۇن، ئەھۋالىڭىزنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرايلى.
جاۋاب: بولىدۇ، تېلېفونۇم 24 سائەت ئوچۇق.

يۇقىرىدا، كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا يۈز بەرگەن ھامىلە قەتلىئامى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق. بىز ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە يەنە داۋاملىق ھالدا خەۋەر بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.