ئامېرىكا ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن مايكىل بروۋن ۋە خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن ئىماممەمەت ئەلى (2)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.12
imammemet-maykol-michael-brown.jpg غايىپ ئىماممەمەت ئەلى ۋە مايكىل براۋن
Public Domain


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز تۈنۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئامېرىكىدا قارا تەنلىك ياش مايكىل براۋننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىمامممەت ئەلىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىش يەنى غايىپ قىلىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سېلىشتۇرما خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. تۆۋەندە ئەنەشۇ سېلىتۇرما خەۋەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز. پروگرامىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، پاجىئە سەۋەبلىك مايكىل براۋننىڭ ئانىسىدىن فەرگاسۇن ساقچى باشلىقىنىڭ ئەپۇ سورىغانلىقى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھال سورىغانلىقى؛ پاتىگۈل غۇلامنىڭ بولسا، ئوغلىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن 7 كۈن قاماققا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.

مايكىل ئۆلتۈرگەن ساقچى داررەن ۋىلسون ئۈستىدىن تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق شەھىرىدە مايكىل ئائىلىسىنى قوللاش ۋە ساقچى زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىش نامايىشلىرى داۋام قىلىدۇ. نامايىشلار بەزىدە توقۇنۇشلارغا، بەزىدە ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭچىلىقلارغا سەھنە بولىدۇ. مايكىلنىڭ ئائىلىسى ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنىڭ قېيىن - قىستاقتا ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ قارشلىق بىلدۈرىدۇ، شۇ كۈنگىچە ئۆزىنى ئالدىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ساقچىلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئىليار ئىسىملىك بىر ساقچىنى تىللىغانلىقى ئۈچۈن، 7 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرىلىدۇ.

مايكىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى ھەققىدىكى سوت كوللىگىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە 3 ئاي ئىچىدە 21 كۈن سوراق ۋە گۇۋاھلىق داۋام قىلىدۇ؛ جەمئىي 62 ئادەم گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدۇ، 5060 بەتلىك ئىسپات ماتېرىيالى توپلىنىدۇ. 3 قېتىم جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىماممەت ئەلىنىڭ غايىپ بولۇش دېلوسى ھەققىدە، ھېچقاندات تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدۇ؛ ئەكسىچە پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنى ئىزدەشتىن چەكلىنىدۇ؛ ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ. سەزگۈر كۈنلەردە سودىلىققا چىقىشىمۇ چەكلىنىدۇ. تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدارئوغلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، پاتىگۇل غۇلام ساقچىلار تەرىپىدىن كوچىدا تارتىپ - سۆرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۆز ئۆيىگە سولاپ قويۇلىدۇ.

مايكىل دېلوسىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، پرېزىدېنت ئوباما، ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدەر، بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەلىمات بېرىدۇ، بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئوباما يەنە مايكىل ئائىلىسىدىن ھال سورايدۇ. رايون ساقچى ئىدارە باشلىقى جەي مايكىلنىڭ جەسىتى ۋەقە يۈز بەرگەن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا كوچىدا تۇرغۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن مايكىل ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورايدۇ.

پاتىگۇل غۇلام، رايوننىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرىگە خەت يازىدۇ، ئەمما جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىماممەت ئەلىنىڭ غايىپ بولۇش ۋەقەسىگە خىتاي تەۋەسىدە پەقەت مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىلا كۆڭۆل بولىدۇ؛ ئۇ 2013 - يىلى 7 - ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ دائىرىلەرنى ئۇيغۇر غايىپلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا ۋە جاۋابكارلارنى تېپىش ۋە جازالاشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى، بۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا ئاتالمىش جىنايى پاكىتلار قاتارىغا تىزىلىدۇ.

24 - نويابىر كۈنى داررەن ۋىلسون ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سوت كوللىگىيەسى ۋىلسوننىڭ مايكىلنى ئېتىشىنى يوللۇق قوغدىنىش دەپ ئېلان قىلىدۇ؛ بۇ قارار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغايدۇ، 150 دىن ئارتۇق شەھەردە نارازىلىق نامايىشى داۋام قىلىدۇ، نامايىش ئامېرىكا چېگرىسىدىن ھالقىپ لوندونغا قەدەر كېڭىيىدۇ. داررەن ۋىلسون ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

ئىماممەمەت ئەلى قاتارلىق غايىپلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ياۋروپا بىرلىكى بۇ يىل ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىپ خىتاينى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىدۇ، خىتاي يەنىلا ئۈن چىقارمايدۇ.

مايكىل براۋننىڭ ئائىلىسى ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى زوراۋانلىقى ئۈستىدىكى نارازىلىق ئەرزى ۋە نامايىشى ھېھەم داۋام قىلماقتا. ئەمما پاتىگۈل غۇلام بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 22 - ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئامېرىكىدا ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن قارا تەنلىك ياش مايكىل براۋن بىلەن ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلگەن غايىپ ئىماممەمەت ئەلى ۋە ئىككىسىگە ئالاقىدار جەريانلار ھەققىدە سېلىشتۇرما خەۋەر ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.