دولقۇن ئەيسا ئىتالىيەدە ساقچىلارنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.07.26
dolqun-eysa-yawropa-parlamenti-sozde.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2017-يىلى 22-مارت.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 26-ئىيۇل كۈنى ئىتالىيەدىكى بىر قانچە رادىكال پارتىيە بىلەن UNPO بىرلىكتە ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. «دۇنياۋى جىددىي سىگنال: ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۆپلىگەن كىشى ئىشتىراك قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق باش كاتىپى، UNPO مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سائەت 12:00 دە مەخسۇس گۇۋاھلىق دوكلاتى تەقدىم قىلماقچى بولغان. بىراق، سائەت 11:45 ئۆتكەندە، ئىتالىيەنىڭ دىگوس دەپ ئاتالغان ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى «كىملىكىنى ئېنىقلاش» نامىدا دولقۇن ئەيسانى ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ سىرتىدا تۇتۇپ كەتكەن.

دولقۇن ئەيسا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ب د ت ھەمدە UNPO ۋە ئىتالىيەدىكى رادىكال پارتىيىلەر شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىپخانى بولغان يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لۇئىگى كومپاگنا ئەپەندىلەر ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىقلار بىلدۈرگەن.

بىز ئىتالىيە ساقچى ئىدارىسىدە 3 سائەتتىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە كۆپ قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ ئالالمىغان ئىدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 15:40 مىنۇت ئۆتكەندە تېلېفونىمىز ئۇلاندى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ شۇئاندا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ھازىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئىتالىيەدە بېشىدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 25-ئىيۇل ميۇنخېندىن ئۇچۇپ رىمغا چۈشكەندىن كېيىن، ئىتالىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى كومپاگنا ئەپەندى دولقۇن ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، يۇقىرى پالاتا باشلىقىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بېسىملىرىنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىلماقچى بولغان مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ بۇنى رەت قىلىپ، يىغىننى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، 26-ئىيۇل چاقىرىلماقچى بولغان يىغىننىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. بىراق، 26-ئىيۇل كۈنى تاكى دولقۇن ئەيسا نۇتۇق سۆزلەشتىن 15 مىنۇت بۇرۇنغىچە ھۆكۈمەت ياكى ساقچى تەرەپتىن ھېچقانداق شەپە بولمايدۇ. سائەت 11:45 مىنۇت ئۆتكەندە، رىمدىكى دىگوس دەپ ئاتالغان ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن 20 ئەتراپىدىكى خادىملىرى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى قورشاۋغا ئېلىۋالىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۇتقانلار، ئۇنى تۇتۇشتىكى سەۋەبنى ئوچۇق بىلدۈرىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە دولقۇن ئەيسا ھەققىدە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە ئالاقە ئەۋەتكەنلىكىنى، دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقىنى يوشۇرمايدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى ئۇنىڭ رىمدا يەنە بىر كۈن تۇرۇشىنى، بىرقىسىم يۇقىرى پالاتا مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۈستىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلىلا خەلقئارا ساقچىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، دولقۇن ئەپەندى ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە كۆپ قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قويۇپ بېرىلگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 4-ئايدىمۇ نيۇيوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا ب د ت ساقچىلىرى تەرىپىدىن يىغىندىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.