د ئۇ ق خادىملىرى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنلىرى جەريانىدا كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-03-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

15-مارت كۈنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنلىرى جەريانىدا يەنە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى. ئۇلار، سائەت 9:00-10:00 ئارىلىقىدا ب د ت ۋېلسون مەركىزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى كىرىستىنا خانىم ۋە ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى برېندا ۋۇكوۋىچ خانىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ سۆھبەتتە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش، تۈرمىلەردە تەن جازاسى بېرىش، پاسپورت يىغىۋېلىش، ئۇچرىغانلا يەردە تەكشۈرۈش، ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قاتارلىق خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى بىرمۇبىر ئاڭلاتتى.

دىققەتنى تارتىدىغىنى، ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلىرى بولۇپ، ئۇلار د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېقىندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويغان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ھازىر قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار يەنە د ئۇ ق خادىملىرىدىن مۇمكىن قەدەر تۈرمىدىكى تۇتقۇنلار، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر، غايىب قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزلىرىنى داۋاملىق يېڭى ھەم ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 15-مارت كۈنى يەنە ب د ت باش شتابىدا، مەركىزى جەنۋەدىكى «ئالكاراما فوندى» نىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى مەسئۇلى جۇلىيا لېگنەر خانىم بىلەن بىر سائەت ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتتە ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرىلەشكەن.

د ئۇ ق خادىملىرى شۇ كۈنى سائەت 13:00-14:00 ئارىلىقىدا ب د ت بىناسى ئالدىدا پاكىستان ئىشغالىدىكى بالۇچلار، گىلگىتلار، كەشمىرلىكلەر ۋە سىنلار ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشتى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نامايىش جەريانىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ نامايىش سېپىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى. ئاۋاز-دولقۇن.

نامايىشتىن كېيىن، د ئۇ ق خادىملىرى ب د ت باش شتابىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرۇلۇق بېرىلگەن تەۋسىيەلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىن ب د ت تەرىپىدىن 2013-يىلى خىتايغا بېرىلگەن تەۋسىيەلەرنىڭ قانچىلىكى ئىجرا قىلىنغان ۋە قانچىلىكى ئىجرا قىلىنمىغانلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تېما قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2013-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە 2-قېتىملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى ۋە مەزكۇر كېڭەشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت 280 تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 3-قېتىملىق يىغىنغىچە بۇلارنى تۈزىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تۈزىتىشكە ۋەدىلەر بەرگەن. ئەمما ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان. كېلەر يىلى 3-قېتىملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ئەنە شۇ كېلەر يىللىق يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

بۈگۈنكى بۇ يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكى مەسئۇللىرى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، 2013-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئېغىر چېكىنىش بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يىغىندا سۆز ئالغان ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىردەك ھالدا، خىتاينىڭ 2013-يىلى ب د ت غا ۋە خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، 2018-يىلى چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا، خىتايغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىشنى تەكىتلەشتى.

يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلار، كۆزەتكۈچىلەر بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا يەنە تىبەت ياشلار مەركىزى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق... قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

بۇ يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پېتىر ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ سۆزى مۇنۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تارىختىكى ھەرقانداق زامانغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا، تىلىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ئومۇمەن خۇسۇسىي كىملىكلىرىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى. ھەممە يەرنى قاپلىغان ساقچى ۋەھىمىسى، قالايمىقان تەكشۈرۈش، پاسپورت يىغىۋېلىش، قانۇنسىز تۇتۇپ سولاش، تەن جازاسى بېرىش، ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مىللىي كىيىنىشكە چەك قويۇش، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاۋارىچىلىك يارىتىش، سولاش ئەۋجى ئالدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان يولغا قويغان پاسپورت يىغىۋېلىش قىلمىشلىرىنى ھېچقانداق ئەلنىڭ قانۇنى ياكى پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. 2018-يىلى چاقىرىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ 3-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي چوقۇم دۇنياغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىشى لازىم...».

بۇ يىغىندا يەنە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەنلەرمۇ بولدى. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خوڭكوڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەن 1997-يىلىدىن بۇيان، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىر بېسىمغا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تىبەت ۋەكىللىرىمۇ تىبەتتىكى بېسىملار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

د ئۇ ق قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى 16-مارت ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ يەنە بىر قىسىم خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت