ئىلھام توختىنىڭ دوستى مەرھۇم ئېللىيوت سپېرلىڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىكى تۇيغۇلار

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-03-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دوستى مەشھۇر تىبەتشۇناس ئېللىيوت سپېرلىڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت.
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دوستى مەشھۇر تىبەتشۇناس ئېللىيوت سپېرلىڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت.
Photo: RFA

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا زور رول ئوينىغان مەشھۇر تىبەتشۇناس ئېللىيوت سپېرلىڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئادىمىيلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن بىر زىيالىي ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇلارنى باشقىلارغا تونۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر ئىنسانىي تۆھپە نۇقتىسىدىن قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئېللىيوت سپېرلىڭ 29 - يانۋار ۋاپات بولغان

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئېللىيوت سپېرلىڭ بۇ يىل 29-يانۋار تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەيرەت ۋە ھەسرەتتە قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىم 11-مارت كەچقۇرۇن نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن توۋەن 7 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىققان كۈچلۈك شامال شەھەرگە تولىمۇ كۆڭۈلسىز تۈس بېغىشلىغان ئىدى.

مۇراسىم شەھەرنىڭ كۋىنس رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇراسىم زالىغا قەدەم بېسىپلا دىققىتىمنى چەككەن بىر نۇقتا بولسا زالنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك تىبەتلەر بىلەن تولغانلىقىدا بولدى. پائالىيەتنىمۇ باش شتابى نيۇيوركتىكى تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى بىلەن ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ قىزى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

مۇراسىمغا يەنە مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى، بىر قىسىم دوستلىرى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى-ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان ئىدى. ئىشتىراكچىلارنىڭ ھەممىسى سوغۇقنى سوغۇق دېمەي مۇراسىم باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلار سورۇنغا توپلىنىپ بولۇشقان ئىدى.

«تىبەتلەرنىڭ بۇ كىشىگە شۇنچە چوڭ ھۆرمەت كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل زادى نېمىدۇر؟» دېگەن سوئال مېنى ھەيران قىلماقتا ئىدى.

مۇراسىم ئەھلى: ئېللىيوت سپېرلىڭ بىر ئالىي جاناب ئىنسان سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ

مۇراسىم باشلاندى. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلارمۇ، سۆزلەشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى.

مۇراسىمدا تۇنجى بولۇپ ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ قەدىناس دوستى، تىبەت يازغۇچىسى نۆۋەتتە نيۇيورك شەھىرىدە ياشايدىغان جامىيەن نوڭبۇ سۆز ئالدى ۋە ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ تىبەت تارىخىي تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يەنە بىر ئالىي جاناب ئىنسان سۈپىتىدە ئەسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر ئىلھام: ئۇ ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى

ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان جەۋھەر ئىلھاممۇ سپېرلىڭنىڭ ئادىمىيلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنى يىللاردىن بۇيان بىلىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ئۇنى تونۇغان ۋاقتىمنى يوق دېيەرلىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئاران تۆت يىل بولدى. بۇ تۆت يىلنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم تۆت يىل دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇ، بۇ تۆت يىلدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئۇششاق زەررىچىلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتتى، ماڭا ئىنگلىزچىلا ئەمەس، بەلكى قانداق ئايال بولۇشىنى، قىسقىسى قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى. ئۇ، مەن ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىك بىر كىشى ئىدى.»

جەۋھەردىن كېيىن سۆزگە چىققان مەيلى ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق خىزمەتداشلىرى، كەسىپداشلىرى، تىبەت دوستلىرى ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرى بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نۇقتىدا ئورتاق ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ ئىنتايىن خۇشچاقچاق ۋە ئالىيجاناب ئادەم بولغانلىقى ئىدى.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرىپلەشلەرگە دادىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بىلەن تولۇقلىما بەرگەن قىزى كولىن سپېرلىڭ مۇنداق دېدى: «دادام ھەققىدە ئەڭ كۈچلۈك ئېسىمدە قالغىنى ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ۋە باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش روھى. مېنىڭچە، بۇلار ئۇنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن روشەن كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە جەۋھەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى يەنە شۇلارنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىم، دەپ بىلىپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم. ئەمما ئۇ، بۇلارنى مەلۇم مىللەتنىڭ مەسىلىسى ۋە ياكى تونۇلۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي يوسۇندا ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ.»

ئېللىيوت سپېرلىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تىبەت دەۋاسىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان

ئۇنداقتا ئېللىيوت سپېرلىڭ كىم؟ ئۇ تىبەت دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇر دەۋاسىغىچۇ؟

ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئېللىيوت سپېرلىڭ 1951-يىلى 4-يانۋار نيۇيورك شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە نيۇيورك شەھىرىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇ، تىبەت تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە 1987-يىلىدىن باشلاپ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا 2015-يىلى دېكابىرغىچە خىزمەت قىلغان ھەمدە بۇ جەرياندا مەزكۇر ئىنستىتۇت قارمىقىدىكى تىبەت تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى تەشكىلاتى دىرېكتورى تەنزىن دورجېنىڭ بايانى بويىچە ئالغاندا، ئېللىيوت سپېرلىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت تارىخىغا ئائىت ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان نۇقتىلارنى يورۇتۇپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تىبەت دەۋاسىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.

تەنزىن دورجې: «ئېللىيوت سپېرلىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى، جۈملىدىن خىتايدىكى دېموكراتىيە دەۋاسىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇ بىر ئېسىل تەتقىقاتچى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر پائالىيەتچى. مەن كىشىلەر بىلمىسە بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان بىر نۇقتا بولسا، ئۇنىڭ تىبەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى 30 يىلدىن بۇيانقى تىبەت تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىنى سالدى. ئۇ، 1980-يىللاردا ئېلان قىلغان بىر نەچچە ئىلمىي ماقالە 14-ئەسىرىدىن 17-ئەسىرگىچە بولغان تىبەت تارىخىدىكى مۈجمەللىككە خاتىمە بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى غەربتىكى تەتقىقاتچىلارنى تىبەتنىڭ ئاشۇ ئەسىرلەردىن باشلاپلا ئۆزىگە تەۋە بولغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئېللىيوت خىتاي ۋە تىبەت ئارخىپلىرىنى ئاختۇرۇپ، تىبەت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ھەقىقىي ماتېرىياللارنى قېزىپ چىقاردى ۋە 14-ئەسىرىدىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تىبەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.»

دەرۋەقە ئېللىيوت سپېرلىڭ يىللاردىن بېرى تىبەت ھەققىدە ئاز بولمىغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغاندىن باشقا، 2004-يىلى «تىبەت-خىتاي توقۇنۇشى: تارىخ ۋە مۇنازىرىلەر» ناملىق تارىخىي ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كېيىن بىلدىمكى، تىبەتلەرنىڭ بۇ سورۇنغا ھەر يەر-ھەر يەرلەردىن كېلىپ، سپېرلىڭ ئەپەندىمگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ تىبەت دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەرنىڭ ئەزەلدىن ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلارنى تاشلىۋەتمەيدىغان مىللىي روھى ئىكەن.

بۇ نۇقتىنى تەنزىن دورجې مۇنداق شەرھلىدى: «يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن تىبەتلەرنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. سپېرلىڭ ئەپەندىم بىزگە ئۆز تارىخىمىزنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەر ئۇنىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار ۋە ئۇنىڭغا قەرزدار. ئوخشاش ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە، ئۇ بىزگە تارىخىمىزنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىنلىك كۆرۈشىمىزگە جاسارەت بەردى، بىر پۈتۈنلۈك ئاتا قىلدى ۋە يار-يۆلەك بولدى.»

ئېللىيوت سپېرلىڭ ئىلھام توختىنىڭ دوستى ئىدى

ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ ئىسمى 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى يىلى سپېرلىڭ ئەپەندىم بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلغان.

بىراق، خىتاي ساقچىلىرى شۇ يىلى فېۋرال قىزى جەۋھەر بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققان ئىلھام توختىنى بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا توسۇپ قالغان. نەتىجىدە ئىلھام توختىنىڭ ئەمدىلا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزى جەۋھەر ئامېرىكىغا يەككە-يېگانە دەسسەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېللىيوت سپېرلىڭ ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىلەر 2012-يىلىدىن باشلاپ تونۇشۇپ دوست بولۇشقان بولۇپ، 2013-يىلى ئىلھام توختى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئېللىيوت سپېرلىڭ خىتاينىڭ يولسىزلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشتىن باش تارتمىغان ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قوللاشنى ئىزچىللاشتۇرغان.

ئېللىيوت سپېرلىڭ: بىر ۋىزا ئۈچۈن مۇستەبىتلىك مىزانلىرىغا باش ئەگمەيمەن

خىتاي 2014-يىلى 7-ئىيۇل ئامېرىكىدىن بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا كىرگەن ئېللىيوت سپېرلىڭنى توسۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ 1 يىللىق خىتاي ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى ھەمدە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرمەكچى بولغان.

ئۇ ئەينى چاغدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە: «مېنىڭ ئاغزاكى ئۆكتىچىلىكتىن باشقا ھېچ خاتالىقىم يوق. شۇنى تەن ئالىمەن، ئەمما مەن يەنىلا تىلىم بىلەن ئۆكتىچىلىك قىلىش يولىدىن يانمايمەن ۋە بىر ۋىزا ئۈچۈن مۇستەبىتلىك مىزانلىرىغا باش ئەگمەيمەن» دېگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى «دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن 2014-يىلى 23-سېنتەبىر ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىمۇ ئېللىيوت سپېرلىڭ خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىپادىلىگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان كولىن سپېرلىڭ مۇنداق دېدى: «دادام، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ دەم ئېلىشقا چىقىش ئالدىغا توغرا كەلگەچكىمۇ ئۇ، ئۆزى قىزغىن سويىدىغان بىر ئىشنى تېپىۋالغان ئىدى. بۇنى پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش، دەپ قارىغاندىن كۆرە ئىلھام توختىغا ئادەم سۈپىتىدە ياردەم قىلىش ۋە يەنە نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قىلىشتىن ئىبارەت، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئۇ قىلغان يەنە بىر چوڭ ئىش بولسا، ئامېرىكىغا كېلىپ بولغان جەۋھەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش بولدى. ئۇنى جەۋھەرنىڭ ئىككىنچى دادىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەنمۇ خۇددى بىر سىڭلىم باردەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم. جەۋھەر ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، بۇ دادام ئۈچۈنمۇ بىر زور قىممەتكە ئىگە سەرگۈزەشت بولۇپ قالدى.»

بۇ نۇقتىنى جەۋھەر ئىلھاممۇ مۇنداق شەكىلدە بايان قىلدى: «ئېللىيوت مەن ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەمدۇر. ئۇ دادامنىڭ مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشتا زور خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە دادامغا بەكلا ئوخشايتتى. ھەر ئىككىلىسى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ھاياتىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بېغىشلايتتى. ھەر ئىككىلىسى زېرەك ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى. قىسقىسى ئېللىيوت ھاياتىمدا يەنە بىر دادىلىق رولىنىمۇ ئۆتىدى ئەلۋەتتە.»

ئېللىيوت سپېرلىڭ قازا قىلغاندا ئەمدىلا 66 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ تىبەت يازغۇچى دوستى جامىيەن نوڭبۇمۇ ئالاھىدە تىلغان ئالدى ۋە ئۆزىنىڭ سپېرلىڭدىن ئىككى ياش چوڭلۇقىنى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە ھالا بۈگۈنگىچە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادىن تۇيۇقسىز ئايرىلغان دوستىنى ھەر زامان سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ خاتىرىلەش مۇراسىمىمۇ ئاخىرلاشتى، مەنمۇ بۇ سورۇندىن، قىسقىسى بۇ سوغۇق ھاۋادا مەھزۇن كۆرۈنىدىغان شەھەردىن ئايرىلدىم. لېكىن قۇلاق تۈۋۈمدە ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ «مەن يەنىلا تىلىم بىلەن ئۆكتىچىلىك قىلىش يولىدىن يانمايمەن ۋە بىر ۋىزا ئۈچۈن مۇستەبىتلىك مىزانلىرىغا باش ئەگمەيمەن» دېگەن سۆزلىرى جاراڭلىماقتا ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت