ئەركىنلىك سارىيى: «دېموكراتىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش-ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ نىشانى، ئىستراتېگىيەسى ۋە مېتودلىرى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-06-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 21-ماي، شاڭخەي.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 21-ماي، شاڭخەي.
AFP

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيى «دېموكراتىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش-ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ نىشانى، ئىستراتېگىيەسى ۋە مېتودلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلدى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىگە يولباشچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رۇسىيە ۋە خىتاي بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت پەقەت ئۆز ئىچىدىكى دېموكراتىيەگىلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدىمۇ دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان سالماقتا ئىكەن.

خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دېموكراتىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش-ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ نىشانى، ئىستراتېگىيەسى ۋە مېتودلىرى» ناملىق دوكلاتتا رۇسىيە ۋە خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە نۆۋەتتە بىر قىسىم قىسمەن دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەرگىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان «ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىقى» مۇلاھىزە قىلىنغان. دوكلاتتا بۇ خىل رېجىم سايلام، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي جەمئىيەت، تارىخنى بۇرمىلاش، لىبېرال دېموكراتىيە قاتارلىق 7 تۈر بويىچە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارغا رۇسىيە ۋە خىتاي ئەڭ ئاساسلىق مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي يۇقىرىدا ئېيتىلغان «ھازىرقى زامان ھاكىممۇتلەقلىقى» نى ئەڭ غەلىبىلىك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ لىدىرلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلەتتىكى ئۆكتىچىلىكنى تامامەن يوق قىلىۋەتمىگەن ئاساستا پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا، دۆلەتتە مۇقىملىق ۋە باياشاتچىلىقنى ساقلىغان ئاساستا قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇنىڭدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان :
«بۇ دۆلەتلەردىكى ئاخبارات-مېدىيە دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭ ئەكسىچە كۆپ خىللاشقان ۋە رەڭدار بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا سىياسىي سەزگۈرلۈكتىكى تېمىلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ دۆلەتلەردە تارىخنى سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن قايتا يېزىش، بۇرمىلاش داۋاملىق كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى ئەھۋال بولۇپ، دۆلەت ئۆزى بىر قوللۇق تارىخىي كىتابلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇنداق دۆلەتلەردە ھازىر دېموكراتىك دۆلەتلەردىن مەخسۇس سىياسىي مەسلىھەتچىلەرنى ياللاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشقا سېلىشمۇ بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان بىر ئەھۋال. بىر قىسىم دېموكراتىك ئەللەردىكى سىياسەتچىلەردە ھەتتا بۇ ھاكىممۇتلەقچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ئۇلاردەك بولۇشقا ھەۋەس قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ھازىرچە بۇ يەردە بىۋاسىتە بىر ھەمكارلىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق پوزىتسىيىلەر ھاكىممۇتلەق كۈچلەرنىڭ دېموكراتىك دۇنيانىڭ ئۆز-ئارا بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ».

ئامېرىكىدىكى سىياسەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى باغلاپ، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمەلىيەتنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارىيى تارىخنى بۇرمىلاپ يېزىش مەسىلىسىدە خىتاينى ئالاھىدە مىسال كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ماۋ زۇدۇڭنىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى ئىنسانلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك سىياسىي پالاكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ئالاھازەل 30 مىليون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھەتتا بەزى تارىخچىلار بۇ ھەرىكەت سايىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 45 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە كومپارتىيە رەھبەرلىرى بۇ تراگېدىيەنىڭ ھەقىقىي چىقىمىنى ئاشكارىلىمىغان ياكى ماۋ زىدۇڭنىڭ ۋە ياكى پارتىيىنىڭ خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىغان. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش قاراڭغۇ تارىخلارمۇ ھېچقانداق تارىخى ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنمايدىغان تېما بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماۋ زېدۇڭنىڭ خاتالىقىنى سۆزلەشمۇ چەكلەنگەن. جۈملىدىن، رۇسىيە ۋە خىتاي ھەر ئىككىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋە كومپارتىيە ئىلگىرى سۈرگەنلەرگە زىت ھەرقانداق ئۇچۇرنى قامال قىلىش شىددىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان، دېموكراتىيە ۋە «غەربچە قىممەت» قاراشلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان. ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئېتنىك گۇرۇپپىلار، خرىستىئانلار، ئاياللار ھوقۇقى ئادوۋكاتلىرى، ئەركىن ئىلىم ئەھلى ۋە مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوللېكتىپنى نىشان قىلىشقا ئۆتكەن.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر كىشىلەرنى خەلقئارا قانۇنلارغا چۈشمەيدىغان قانۇنلارغا مۇتلەق ھالدا بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىر پارچە قەغەزگە خالىغاننى يېزىپ، ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان پارلامېنتتا ماقۇللىتىپلا ئۇنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ. بىز بۇ يەردە سايلام بولۇپ باقمىغان، خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ باقمىغان، جۈملىدىن ئېلان قىلىۋاتقان قانۇنلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا زور كۆلەمدە خىلاپ بولغان بىر دۆلەتتىن سۆز ئېچىۋاتىمىز. ئەگەر خىتاي خەلقئارا ئۆلچەمدىكى قانۇنلاردىن مەنپەئەت كۆرىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان بولسىدى، ئۇ ھالدا ئۇلار ھازىر خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بارلىق قانۇن-تۈزۈملەرنى باشقىدىن يېزىپ چىققان بولاتتى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر ھاقارەت قىلىدىغان، جۈملىدىن خەلقئارا قانۇنلارغا قەتئىي خىلاپ قانۇنلىرىغا مۇتلەق بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا».

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن بىلەن ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئېچىش ۋە گېزىت-ژۇرنال تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىمۇ ئوخشاش قەدەمدە كۈچەيتكەن. ئۇلار، ئۆز پروگراممىلىرىدا دېموكراتىيىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر پارتىيىلىك ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى «ئەۋزەل» دەپ بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنغان.

ئەركىنلىك سارىيى رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ھاكىممۇتلەقچىلەرنىڭ پىلانلىق، ئىستراتېگىيىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەتلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى دېموكراتىيىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت