ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باراك ئوبامانى گ-20 يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.30
g-20-2016-dolet-rehberler-yighini.jpg خىتاي سەنئەتكار ۋۇ شياۋلى لايدا ياسىغان، خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەيكىلى. 2016-يىلى 28-ئاۋغۇست، خاڭجۇ.
Imaginechina

گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە 4-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزكۇر يىغىنغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ ۋە ئۇ يەردە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلاردىمۇ بولىدىكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، باراك ئوبامادىن بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ سىناق قىلىنىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر ئارىغا جەم بولىدىغان گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى بۇ يىل خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن خىتايدا ئېچىلىدىغان بۇ يىغىن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇلار بۇ يىغىننىڭ پەقەتلا پۇل توغرىلىق سۆزلىشىدىغان بىر سورۇنغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئەسلىتىدىغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىمۇ دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ پىكىرنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەۋىسكى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوباما چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى يەنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى، يىغىلىش‏-نامايىش قىلىش ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تىلغا ئېلىشى كېرەك.»

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئۆز خەۋەرلىرىدە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى» ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق 21 خىل ھەربىي قورالىنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خەۋەر ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى رايوندىكى خەلقنى زوراۋانلىق يولىغا كۈشكۈرتۈش ۋە مەجبۇرلاش دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى 11-ئاۋغۇستتىن 15-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت 3 ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا خىتاي قوراللىق ساقچى شىنجاڭ شۆبە قىسمىدىن 3 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ئۆز خەۋەرلىرىدە قوراللىق قىسىملار تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، دېيىش ئارقىلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى «ئۇرۇش» ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كىشىدە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھېنرىي شاجەۋىسكى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلە باياناتتا تىلغا ئېلىنغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم مەسىلە بار. بۇنىڭ بىرى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوراللىنىش مەسىلىسى. يېقىندا خىتاي قوراللىق كۈچلىرى رايوندىكى مانېۋىردا يېڭى-يېڭى قوراللارنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇن بولمىغان تېرمىنلارنى قوللاندى. بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تىنچلىقپەرۋەر خەلق. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلماقتا. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا ئىنتايىن دۈشمەنچە ۋە تەھدىت خاراكتېرىنى ئالغان. يەنە بىرى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دېگەنگە ئوخشاش قانۇنلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك قانۇنلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى چەكلىمە ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىمۇ كىشىگە ئەندىشە بېرىدۇ. ئوباما خىتاي بىلەن ئەلۋەتتە بىخەتەرلىك تېمىلىرىنى سۆزلىشىدۇ. ئەمما بۇ بىخەتەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بەدىلىگە كەلمەسلىكى كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «پرېزىدېنت ئوباما چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەددىدىن ئاشقان قوراللىنىشنىڭ ئۆزلىرىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي تەرەپكە بىلدۈرۈشى كېرەك. يېقىنقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىدا 21 خىل يېڭى قورال سىناق قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئارمىيىلىرىنىڭ قوراللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە تىنچلىقپەرۋەر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە تېررورلۇق دەپ زەربە بەرمەكتە.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مۇنداق تەلەپلەرنى قويدى: «ھەرقانداق ھەربىي تېخنىكىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، رايوندا سىياسىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قورال كۈچىگە تايىنىشنى ئازايتىش، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدىكى خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئۇيغۇر تېررورلۇقى» تەنقىد قىلىنغان بۆلۈملەرنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىرەر تەدبىر ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەنپەئەت كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىش.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ قېتىم خاڭجۇدىكى گ-20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇ يەردە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، خىتاي ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن. ۋال سترىت ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئوبامانىڭ شى جىنپىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ نۆۋەت كۈن تەرتىپكە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.