ميۇنخېندا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كۆك چېدىر تىكىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2013.12.12
kok-bayraq-kok-chidir.JPG خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا تىكىلگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى كۆك چېدىر. 2013-يىلى 10-دېكابىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى بىر كۆك چېدىر تىكىلدى.

رەڭگى كۆك بايراقنىڭ رەڭگىنى ئالغان، ئاي يۇلتۇزنىڭ سۈرىتى تۆت تەرەپلىرىگە چۈشۈرۈلگەن بۇ كۆك چېدىرنى باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى لايىھىلىگەن ھەمدە بۇ يىل 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى تۆت، بەش سائەت خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئورنىتىشنى پىلانلىغان.

گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ چېدىرنى دەل كونسۇلخانا دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەشنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان تەشكىلات رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى، بۇ يەرنىڭ تاكى خىتاي كونسۇلخانىسى قارشىلىق كۆرسىتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئىجازىتىنى قايتۇرۇۋالغانغا قەدەر خىتايغا قارشى بىر سىياسىي كۈرەش بازىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن كۆك چېدىرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 25 مېتىر كېلىدۇ. ئارىدا پەقەتلا بىر يول بولۇپ، كونسۇلخانا بىلەن چېدىر بىر بىرىگە ئۇدۇلمۇ ‏- ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدۇ. بۇ يولدىن ئۆتكەن ياكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كەلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزى بۇ چېدىرغا چۈشىدۇ. چېدىرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر. چېدىر ئىچىگە قويۇلغان ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان گېرمانچە ھەمدە ئىنگلىزچە تىللاردىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى ۋە خىتاي زۇلۇمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتلەر، كىتابچىلار تىزىلغان. ئەنىۋەرجان ئەپەندى خىتاينىڭ كۆزىگە مىقتەك تىكىلىپ تۇرغان بۇ چېدىرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۆزىنى قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ساناۋاتقان خىتاي ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ چېدىرنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان ئىدى. ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ چېدىردىن باشقا يەنە ماشىنىنىڭ ئارقىغا چېتىۋالىدىغان ئۈستى يېپىق بىر كوزۇپمۇ سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ كوزۇپمۇ ئوخشاشلا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ رەڭگىنى ئالغان. خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن ماشىنا توختىتىدىغان جايغا خىتايغا قارشى تەشۋىقات رولىنى ئۆتەيدىغان بۇ كوزۇپمۇ قويۇپ قويۇلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىشلار بۇندىن كېيىن مۇشۇ چېدىر ۋە كوزۇپ بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ زور بولىدىكەن. ئەنىۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، بۇ كۆك چېدىر ۋە كوزۇپنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېزىلغان گېرمانچە، ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇچۇر بەردى. ئەنىۋەرجان ئەپەندى يەنە، بۇ كۆك چېدىرنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرىدىن بىرى، ۋەتەندىكى خەلققە ئۈمىد بېغىشلاش، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.