غايىپ ئانىسى قۇربانگۈل خانىم: بىز تارتىۋاتقان ئازاپلار، كۇنمىڭ ۋەقەسى قۇربانلىرىنىڭكىدىن ئېغىر

1 - مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشگە تۈرتكە بولغان بولسا، بۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئائىلىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق كەچمىشىلىرىنى ئەسلىشىگە تۈرتكە بولدى.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوغلى(ئوتتۇرىدا) غايىب بولغان، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققال ھېلاجى (سولدىن بىرىنچىسى). 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.


1 - مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشگە تۈرتكە بولغان بولسا، بۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئائىلىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق كەچمىشىلىرىنى ئەسلىشىگە تۈرتكە بولدى.

غايىپ ئالىمجان ھېلاجىنىڭ ئانىسى قۇربانگۈل خانىم، ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنىڭ كۇنمىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنىڭكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بىز بالىلىرىمىزنىڭ جەسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىدۇق، ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشەلمىدۇق، ئۇچۇرىنى سورىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن قوغلاندۇق» دېدى. قۇربانگۈل خانىم يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ نارەسىدە بالىلىرىنىڭ ئالدىدا پىشانىسىگە قورال تەڭلىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن 4 ياشلىق بالىسىنىڭ بىر يىلغىچە ئېسىغا كېلەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كۇنمىڭدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يىللاردىن بېرى يىغلاپ - يالۋۇرۇپ دەردىنى ئاڭلىتالمايۋاتقان ۋە مۇشۇ يىغلاپ - يالۋۇرغىنى ئۈچۈن دۈشكەللەنگەن، ئىشخانىلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن، تۇتۇپ سولاپ قويۇلغان ئەرزدار ئانىلارنى زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىدۇق. ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى «مېنى بۇلار بەك بوزەك قىلغان، بالامنى خىتاي ئېلىپ قاچسا، مېنى تۈرمىگە ئاپىرىپ سولاپ قويغان، كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى ئاڭلاپ بىرسى دەردىمنى ئېلىپ بەرگەندەك خوش بولدۇم» دېدى. ئۇ يەنە بۇ خوشاللىقىنىڭ باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن رازى دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ پاكىت ئارقىلىق ئىنكار بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 16 ياشلىق غايىپ ئالىمجان ھېلاجىنىڭ ئانىسى قۇربانگۈل خانىم، ئۆزىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تارتقان ئازاپلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈنگىچە تېخى ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغان 4 ياشلىق ئوغلى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. بايان قىلىنىشىچە غايىپ ئوغلى تۇتۇپ كېتىلگەن كۈنى 4 نەپەر قارا كىيىملىك ساقچى ھېلاجى ئائىلىسىگە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، ئائىلىدىكى ئاتا - ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ پىشانىسىگە قورال تەڭلەپ تۇرۇپ ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۆي ئىگىلىرى ساقچىلارنىڭ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىگەن، ھەتتا ئېغىزمۇ ئاچماي سۈكۈت قىلىپ تۇرغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى ساقچىلارنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق ھەرىكىتى 4 ۋە 12 ياشلىق ئىككى نارەسىدىنىڭ كۆز ئالدىدا داۋام قىلغان. شۇڭا ساقچىلارنىڭ شۇ كۈنكى قورقۇنچلۇق قىياپەت ۋە قورقۇنچلۇق ئاۋازىدىن يۈرىكى ئېزىلگەن 4 ياشلىق بالا بىر ئايغىچە جۆيلۈپ ئۇخلىيالمىغان، بىر يىلغىچە كوچىدا ساقچىلارنى كۆرسە قورقۇپ يايمىچىلارنىڭ تاختىسىنىڭ ئاستىغا ياكى ئەخلەت ساندۇقلىرىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈۋالغان.

قۇربانگۈل خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزى بېيجىڭدىن تارتىپ - سۆرىلىپ تۇتۇپ كېلىنگىنىدە، بېيجىڭلىقلارنىڭ تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسلىدى. ئۇ بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا خىتاي خەلقىنىڭ تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورۋانلىقىغا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، بىر دۆلەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەممە پۇقرانى تەڭ زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.