غۇلجىدىكى خىتاي كادىر: «ئىز قوغلىغۇچ پەقەت رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-03-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي ئەسكەرلىرى برونېۋىكلىرى بىلەن غۇلجا شەھەر ئىچىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 26-يانۋار.
خىتاي ئەسكەرلىرى برونېۋىكلىرى بىلەن غۇلجا شەھەر ئىچىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 26-يانۋار.
Social Media


14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىگە ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئەسۋاب 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستىدىكى ئاپتوموبىللارغىمۇ ئورنىتىلىشقا باشلىغان. رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىگە بۇ خىل «ئىز قوغلىغۇچ» ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي كادىر، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ھەرقانداق بىر ساياھەتچىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن قايتىدىن تىزىملىنىپ، ئىز قوغلىغۇچنى مەجبۇرىي ئورنىتىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن «14-فېۋرال گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايوندىكى بارلىق قاتناش ئەسلھەلىرىگە «ئورۇن بەلگىلەش نازارەت سىستېمىسى» ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كورلا ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى 19-فېۋرال كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى 12-مارت كۈنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بارلىق ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىغا «ئورۇن بەلگىلەش نازارەت ئەسۋابى» ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىيومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، كورلا ۋە خوتەن دىيارىدىكى ساقچىخانىلار رايوندىكى ماتۇرلۇق قاتناش ئەسلەھەلىرىگە« ئورۇن بەلگىلەش نازارەت ئەسۋابى» ھەققىدىكى ئىز قوغلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى باشلانغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

ئىلى دىيارىدىكى ئاپتوموبىللارغا بۇ خىل ئىز قوغلىغۇچ ئەسۋابلىرىنىڭ ئورنىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلى دىيارىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلىنى ھەيدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئۆزى ھەيدەۋاتقان مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە ئائىلىدىكى شەخسى ئاپتوموبىلىغا ھازىرچە بۇ خىل ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئورنىتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئاڭلىغان ئۇچۇرلاردىن خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئاپتوموبىللارغا بۇ خىل ئەسۋابلارنى ئورنىتىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غۇلجا ناھىيىسى پەنجىم يېزىسى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلىغۇچ ئەسۋابنىڭ ئورنىلىتىش ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئايال خادىمى، ھازىرچە يېزىلىق ساقچىخانىدا، يېزا تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىللارغا بۇ خىل ئىز قوغلىغۇچ ئەسۋابىنى ئورنىتىش ھەققىدىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخى رەسمىي باشلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزدىن، ھازىرچە ئىلى دىيارىدا ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىغا ئىز قوغلىغۇچى ئورنىتىش تېخى رەسمىي باشلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما 15-مارت كۈنى ئوبلاست تەۋەسىدىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرگە بۇ خىل ئىز قوغلاش ئەسۋابىنىڭ يەرلىك ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىغا ئورنىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشىخانىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي كادىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىلى تەۋەسىدىكى قاتناش قوراللىرىغىمۇ بۇ خىل «ئىز قوغلاش ئەسۋابى» ئورنىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىز قوغلىغۇچنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىگە ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، ئىچكى ئۆلكىلەردىن ساياھەت ئۈچۈن كەلگۈچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا بۇ تەلەپنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«شۇنداق، رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش بىزگە يېتىپ كەلدى. ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئىز قوغلىغۇچنىڭ پەقەتلا رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىللارغا ۋە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان 2-قول ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپتۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە شىنجاڭ تەۋەلىكىدە بولمىغان ئاپتوموبىللارغا بۇ خىل ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش تەلىپى يوق. ئەمما بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىن شەخسى ئاپتوموبىلى بىلەن رايونىمىز تەۋەسىگە كەلگۈچىلەرنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلۈپ، تىزىمغا ئېلىنىدۇ.»

ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتوموبىللارغىلا بۇ خىل ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ،«ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق شارائىتتا، مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق تەدبىر قوللىنىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا خىزمەت بىلەن كەلگۈچىلەر ۋە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان جىددىي تەدبىر» دېدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-فېۋرال گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇققا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، نەچچە مىڭ كىشىلىك ھەربىي پارات قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش سېسىتىمىسى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ۋە بۇ سەۋەبتىن، 19-فېۋرال كۈنى كورلا شەھىرىدىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى ئوبلاست تەۋەسىدىكى بارلىق ئاپتوموبىللارغا «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش نازارەت سىستېمىسى» ئورنىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. خوتەن گېزىتىمۇ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى ئىگىلىرىنىڭ 20-مارت كۈنىگە قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ، قاتناش قوراللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش نازارەت سېسىتىمىسى ئورنىتىشقا تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قاتناش ۋاستىلىرىگە «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» نامىدىكى ئىز قوغلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تەنقىدلەشكە ئۇچرىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز زىياررىتىنى قوبۇل قىلغان كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۆز تەنقىدىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئاپتوماتىك ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىشىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئورنىتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت