ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2014-02-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

5-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق سىياسىي تۇتقۇنلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشتا دىققەتنى تارتقان بەزى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي كۆرەشلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈملەر ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

5-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13.30 باشلانغان بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل لوزۇنكا ۋە شوئارلارنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، يېقىندا قولغا ئېلىنغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەم ئىلھام توختىلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈشكەن ئىدى. شوئار سادالىرى كونسۇلخانا ئالدىنى لەرزىگە سالاتتى.

د ئۇ ق مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتى مەسئۇلى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، غۇلجا ۋەقەسى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغانغا قەدەر توختىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت