توكيودا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.02.08
ilham-mexmut-ghulja-weqesi-soz.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 4-فېۋرال، توكيو.
RFA/Qutluq

4-فېۋرال توكيونىڭ شىنجۇكۇ رايونىدىكى يىغىن زالىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھەدىكى ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مەزكۇر ۋەقەگە دائىر بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇت بۇ ھەقتە توختالدى.

توكيودا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا سۆز قىلغان، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلەرنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن ماقالە ۋە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان ئاتاقلىق سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوئاتارو ئەپەندى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ:« بۇندىن 20 يىل ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش، ۋەقەدە بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش يۈزىسىدىن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىردۇق. مەقسىتىمىز بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان قىلچىمۇ پەسەيمەي، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاشكارىلاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش ھەمدە دۇنيا جامائىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئىلھام ماھمۇت سۆزىدە، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ياپونىيەدە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ياپونىيە جەمئىيىتىگە تونۇلغانلىقىنى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ۋەقەگە دائىر بەزىبىر ئىسپات ۋە دەلىللەرنىڭ ئەتراپلىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلەر ۋە نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ يۈزەكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ يېزىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپلەپ ئۇچۇر ۋە ماتېرىيال توپلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە دائىر كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنداقلا يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ بىر قىسىم سوئاللارنى سورىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئاروما خانىم بۇ قېتىمقى توكيودا چاقىرىلغان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن تا ھازىرغىچە بولغان 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم. ئەگەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە، خىتاي دۆلىتىدە مەڭگۈ تىنچلىق مەۋجۇت بولمايدۇ. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىشى كېرەك» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى دېگۈدەك 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىنى بۇ ھەقتە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن بەزى بىر ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، بۇ ھەقتە ياپونىيە كۆپلەپ كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.