گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.10.02
gollandiye-1-october-namayishidin-korunushler-1.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاپتونومىيىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
RFA/Pida’iy

2015‏-يىلى 1‏-ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 65 يىللىقى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈندە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ۋە تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

جۈملىدىن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 1‏-ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئەزالىرى ھەمدەمدە بولدى.

نامايىشچى ئۇيغۇرلار شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن بىر يېرىمگە قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچىلىقلىرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكەتلىرى تەنقىد قىلىنغان پىلاكا-لوزۇنكىلىرىنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تىكلەپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى. جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندى پائالىيەتتىن ئۇچۇر بەردى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.