خوتەندىكى ساقچى: « جۈمە نامىزىدا كەنت ساقچىسى، خەلق ئەسكىرى ۋە كادىرلار بىرلىكتە ئامانلىق ساقلايدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.04.24
Urumchide-mechit-temigha-yezilghan-xitay-shoarliri-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ "ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻠﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻻﺭﻣﯘ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
AFP Photo

14- فېۋرال خوتەن گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئىدى. ئۆتكەن جۈمە كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە  چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا جۈمە نامىزىدا جامائەتنى نازارەت قىلىش، ئىلگىرىكى يېزا كادىرلىرى تىزىملاپ، نازارەت قىلىشتىن، كەنت ساقچىسى، خەلق ئەسكىرى ۋە كادىرلاردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس گۇرۇپپىنىڭ نازارىتىگە ئۆزگەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىلگىلەش داۋامىدا ، ناھىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نىكاھ، توي، خەتنە توي، نەزىر قاتارلىق جامائەت توپلىنىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردىكى پائالىيەتلەر ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، يېزىلاردا ھەر جۈمە كۈنى جامائەت توپلىشىپ ئوقۇيدىغان جۈمە نامىزىنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوقۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم، ئۆز يېزىىسىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ،نۆۋەتتە جۈمە نامىزى كەنت كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئوقۇلغىنى ئۈچۈن، جۈمە نامىزىغا بارىدىغانلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىدىن ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ياشانغان مويسىپىتلار ۋە دىنىي زاتلاردىن باشقىلار ئاساسەن ناماز ئوقۇمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىرا ناھىيە ئۇلۇقساي ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ، ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ، ئۇلۇقساي يېزىسىدىكى 7 كەنتنىڭ ھەممىسىدە يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ تارماق ساقچىخانىلىرى تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ساقچىخانىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىنى نازارەت قىلىش ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

بۇ ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلۇغساي يېزىسىدىكى  كەنتلەردە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىنى كەنت تەۋەسىدىكى ياردەمچى ساقچىلاردىن 3 كىشى، خەلق ئەسكىرىدىن 6 كىشى ۋە ئاز دېگەندە 2 نەپەر كەنت كادىرى بولۇپ 10 دىن ئارتۇق ئادەم نازارەت قىلىدۇ.

بۇ ياردەمچى ساقچى يەنە، جۈمە نامىزىنى ئىلگىرىكى يېزا كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار نازارەت قىلىپ تىزىملاش تۈزۈمىنىڭ ساقچىلار ئارقىلىق نازارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خوتەن دىيارىدا يۈز بەرگەن  ئاتالمىش « يامان نىيەتلىك تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى » سەۋەبىدىن پۈتكۈل خوتەن دىيارىدا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى بىلدردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، نۆۋەتتە ئۇلۇقساي يېزىسىدا مەركىزى ساقچىخانىدىن باشقا 7 كەنتتىكى تارماق ساقچىخانا ۋە بىر ساقچى مۇلازىمەت مەركىزى(گاڭپېڭ)نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى،  يېزا تەۋەسىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. جۈمە نامىزى، توي مۇراسىمى، نەزىر قاتارلىق جامائەت توپلىنىدىغان سورۇنلاردا باشقا جايلاردىن كەلگەن  مېھمانلارنىڭ كىملىكى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كەنتلەردىكى ساقچىخانىلارنىڭ  مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە .  ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن،  جۈمە نامىزىغا كەلگەنلەرنى نازارەت قىلىش، نامازخانلار ئارىسىدا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر كەنتلەردىكى ساقچىخانىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى دەپ بەلگىلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.