كۆزەتكۈچىلەر بايدىكى ۋەقە گۇماندارلىرىغا ئائىت خەۋەرلەردە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.11.20
xoten-herbiy-saqchi-qoralliq.jpg خىتاينىڭ خوتەنگە يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست.
AFP


پارىژدىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسزلىك مىنىستىرى گو شىنكۇن قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن بايانات بېرىپ بىر ياقتىن غەربنى تېررور مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىسە، يەنە بىر ياقتىن تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئارقىدىنلا يەنى، جۈمە كۈنى تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورى 28 نەپەر رادىكال ئۇنسۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى. ئۇلار بۇ تېرررور گۇرۇپپىسىنىڭ چەتئەلدىكى رادىكال بىر تەشكىلاتنىڭ بىۋاسىتە قومدانلىقى ئاستىدا بۇندىن 56 كۈن ئاۋۋال بايدىكى كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ۋە 28 نەپەر «تېررورچى» نىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ بىر ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم بايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ھەم شۇنداقلا ئۇنى پەيدا قىلغۇچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم دەلىللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بايدىكى كۆمۈر كاندا 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى تۇنجى قېتىم ئىستانسىمىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان.

ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دائىرىلەر كان ھۇجۇمىدىن كېيىن 3 ئائىلىلىك 17 ئادەمنىڭ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى 14 - نويابىر ئۆز تورىدا بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ 13 - نويابىر يەنى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئىز - قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ 56 - كۈنىدە «تېررورچىلارنى تولۇق يوقاتقانلىقى» نى بايان قىلغان. كېيىن رادىئومىز يەرلىك ساقچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ ئاتالمىش «تېررورچىلار» نىڭ باي كۆمۈركان ۋەقەسىدىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن گۇماندارلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۈگۈن«تەڭرىتاغ تورى» بولسا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلارنىڭ موسا توختىنىياز، مەمەت ئەيسا باشچىلىقىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بايدىكى ۋەقەنى چەتئەلدىكى بىر رادىكال تەشكىلاتنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقى بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندىن باشقا ھېچقانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى يوقلۇقىنى، شۇڭا ۋەقەنى چەتئەلدىكى بىر رادىكال تەشكىلاتقا باغلاشنىڭ گۇمانلىقلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گرەگ فرېي مۇنداق دېدى: «مەنچە، پاكىتسىز بېرىلگەن ۋە شۇنداقلا ھېچقانداق بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلمىغان بىر شارائىت ئاستىدا بېرىلگەن ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا سوئال قويۇشىمىز كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇ قېتىممۇ قارىماققا ئۇيغۇرلارغا ‹سوتسىز ئۆلۈم› ئىجرا قىلغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى چەتئەلدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلغان دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىمۇ گۇمان قوزغايدۇ. چۈنكى، خۇددى پارىژدىكى ھۇجۇمدا كۆرگىنىمىزدەك، ئادەتتە بۇنداق گۇرۇپپىلار بىرەر ھەرىكەت قىلسا، دەرھال ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن بايدىكى ۋەقەنى ھېچقانداق بىر چەتئەل تېررور ئورگىنى ئۈستىگە ئالغىنى يوق. بۇ خەۋەردە ھېچقانداق مۇستەقىل ئۇچۇر يوق، تەكشۈرۈش يوق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايدىكى ۋەقەنى خەلقئارا تېررور ئورگانلىرىغا چېتىپ قويۇشىنى تەنقىدلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پارىژدىكى ۋەقەدىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرىنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئەمما تەتقىقاتچى گرەگ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تېررور مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىشى مەنچە تولىمۇ ھەجۋىي. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەردە قىلچىلىكمۇ ئوچۇق - ئاشكارىلىق يوق، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە، سوئال قويۇشقا، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يول قويمايدۇ. شۇڭا مەنچە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› ئىشلىتىۋاتىدۇ.»

بۈگۈن، مۇستەقىل ژۇرنالىست، خوڭكوڭدىكى «خىتاي مېدىيە قۇرۇلۇشى» پروگراممىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى چاڭ پىڭمۇ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ پارىژ ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسلۇبىنى نەق مەيداندىن بىرمۇ - بىر كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاي ئۆزى بۇنداق قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ «ئىككى خىل ئۆلچىمى» نى تەنقىدلىدى. ئۇ شۇنداقلا بايدىكى كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەم شۇنداقلا يۈز بەرگەن باشقا ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «ئەلۋەتتە ئادەتتىكى پۇقرالار نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر تېررورلۇق ھەرىكەتكە قاتتىق جاۋاب بېرىلىشى كېرەك. ئەمما بۇ دېگەنلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى تەنقىدتىن قۇتۇلۇپ قېلىشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس» دەپ ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ خەلقئارا جامائەتنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژدىكى ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللىنىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.