خىتاي زىيالىسى چېن يوڭمىننىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان ماقالىسى ئىنكاس قوزغىدى


2014.12.05
ilham-toxti-sot-hokum.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014-يىلى 23-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
CCTV


نېۋيوركتا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق ژورنىلى» دا چېن يوڭمىنننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالە ئۆتكەن ھەپتە بوشۈن، فەيسبوك قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بارلىققا كەلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ماقالە ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي زىيالىلىرى ئارىسىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى كۆرۈپ يېتىدىغان زىيالىلار ۋە بۇ خىل ماقالىلارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى كېرەكلىگىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ساھىپلىقىدىكى "ئۇيغۇربىز"تورىنىڭ زور تارىخى تۆھپە ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

چەتەللەردىكى خىتاي دېموكرات زىيالىلىرىدىن چېن يوڭمىن تەرىپىدىن يېزىلغان"ئىلھام توختى، بىز ساڭا قەرزدار!" ناملىق ماقالە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

ئاپتور چېن يوڭمىن ماقالىسىدە يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش"دۆلەتنى پارچىلاش، مىللى ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەش بىلەن بىللە، خىتاي زىيالىلىرىنى جۈملىدىن پۈتۈن خىتاي خەلقىنى ھەققانىيەتكە چاقىرغان.

ئاپتۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ،" ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى، تېچلىق يولى بىلەن ئۆز يازمىلىرى ئارقىلىق ئاشكارە تەلەپ قىلغان بىر زىيالىنىڭ ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغان جوڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، بۇ دۆلەتتتە ھەق - ئادالەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بۇ ئەھۋال يەنە بۇ خىل ئادالەتسىزلىككە، قانۇننىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە باستۇرۇلۇشىغا كۆز يۇمۇۋاتقان خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ نومۇس " دېگەن.

ئاپتۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنىي - ھەق ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا جىنايىتى يوقلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن.

"ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىژدانى ئىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقى ۋە نىمە تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتى. ئۇنىڭ ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئۆز - ئارا چۈشۈنۈشتىكى كۆۋرۈك ئىدى.ئۇ جوڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئاپتونۇمىيىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەتتىن قانۇنغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.ھەرقايسى مىلەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى.مىللى كەمسىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەجىبا مانا بۇلارئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىكى ئاتالمىش جىنايى پاكىتلار بولۇپ قالدىمۇ؟ ئۇنىڭ جىنايىتى ئەشۇ مىليارتلاپ پارا يىگەن خىيانەتچى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ جىنايىتىدىنمۇ ئېغىرمۇ؟"

ئاپتۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك تېچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئادالەتنى،مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىغا خىتاي زىيالىلىرى ۋە خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىگىنى تەكىتلەپ،"ئىلھام توختى قاراڭغۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتىدۇ، شۇنداقلا جوڭگو پۇقرالىرى ئۈچۈنمۇ ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. چۈنكى ئىلھام توختىنىڭ ئازاپى ئۇيغۇرلار تارىتۋاتقان كۈلپەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىز خىتاي پۇقرالىرى ئۇچراۋاتقان كۈلپەتنىڭ ئۆرنىكى.چۈنكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئىلھام توختى تەلەپ قىلغان ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى خىتاي خەلقىمۇ تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ دۆلەتتىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ نىسپەتنى ئىگىلەيدىغان خىتاي خەلقى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاپنىڭ سەۋەبىنى تېخى ھەقىقى تونۇپ يەتمىدى. مەيلى بىز خىتاي مىللىتى خالايلى ياكى خالىمايلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى مىللى زىديەتنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىشىپ كېتىشىدە ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسۇلىيىتى بار. 60 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ مىللى سىياسىتىدىكى يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇش داۋاملاشماقتا. مانا بۇ ھالەت بۈگۈنكى مىللى توقۇنۇش پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز خىتاي مىللىتى نامىدىن ئىلھام توختىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە، سەن ۋە سېنىڭ خەلقىڭ ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەردە بىز ھەممىمىزنىڭ مەسۇلىيىتى ۋە سەۋەنلىگى(گۇناھى) بار دىيەلىشىمىز كېرەك" دېگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايچە ئېلان قىلغان ماقالە - ئەسەرلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدىمۇ تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر خىتاي زىيالىسىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يېزىلغان بۇ خىل ماقالىلارنىڭ خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى تونۇتۇشتا تېخىنمۇ زور ئەمىليەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە،نۆۋەتتە خىتاي زىيالىلىرى ئارىسىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى كۆرۈپ يېتىدىغان زىيالىلار ۋە بۇ خىل ماقالىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سىياسى ئانالىزچى خۇ پىڭ، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ساھىپلىقىدىكى "ئۇيغۇربىز"تورىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقنى تونۇۋاتقان ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىگە خىتاي زىيالىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈشتىكى تارخى تۆھپىسىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى،تەلىپىنى خىتاي دېموكراتلىرىغا ۋە خىتاي خەلقىگە ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.