ئىلھام توختىنى «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.19
Ilham-toxti-saxarof-mukapati.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلغان. 2016-يىلى 26-ماي.
unpo.org

فىرانسىيەدىكى «ئازادلىق گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىڭ» سەرلەۋھىلىك ماقالە 18-ئىيۇل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

فىرانسىيەدىكى «ئازادلىق گېزىتى» 14-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى ئاندرىې گاتتولىن، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى نوئېل مامېرە ۋە فىرانسىيەدىكى «خىتاي بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى مارى ھولىزماننىڭ ئاپتورلۇقىدا «ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىڭ» سەرلەۋھىلىك چاقىرىق خاراكتېرىدىكى بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتچىسى پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ تەرىپىدىن 18-ئىيۇل كۈنى ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىشقا باشلىدى.

ماقالىدە، ئىلھام توختىنىڭ 2008-يىلى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن پارىژغا كېلىپ، «كېلەچەكتىكى شەخسىيەت» تېمىسىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 35 نەپەر ئىلىم ئادىمى ئالدىدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ تونۇلۇشقا باشلىغانلىقى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە «ئۇيغۇر تور» ناملىق تور بېتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغانلىقى، ئاقىۋەت 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 27-ئاپرېل بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان شۇنداقلا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەكلىپلەرنىڭ بىرىدە، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش پىكرىمۇ ئورۇن ئالغان.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئاكتىپ ئەزاسى، «ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىڭ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «ياۋروپا پارلامېنتى بىزنىڭ ئاۋازىمىزغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك» دېدى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ مەنىسى-ئەركىنلىك دېمەكتۇر. ساخاروف مۇكاپاتى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلەرنى قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا بۇ مۇكاپات مۇشۇ ساھەدە تۆھپە ياراتقان شەخس ياكى كوللېكتىپقا بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى رادىكال ئەمەس، مۇستەقىلچى ئەمەس، تېررورچىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ، ھەركىمدە بولۇشقا تېگىشلىك پىكىر ئەركىنلىكى پرىنسىپى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان بىر ئۆكتىچى زىيالىي. ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر-خىتاي مىللەتلىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە، قانلىق توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنى ئىستىگەن، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنىڭ بۇ مىللەتنى رادىكال قارشىلىقلارغا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، قاتتىق باشقۇرۇش، تېررور قالپىقى بىلەن باستۇرۇشلارنىڭ مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتى ھەزىم قىلالمىدى. ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر قاماق جازاسى بەردى، بەلكى پۈتۈنلەي ھەقسىزلىق قىلدى. بىز ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىنى بۇ ئەركىنلىك جەڭچىسىگە بېرىش ئارقىلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقان مىڭلىغان قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھەم ھېسداشلىقنى ئىپادىلەشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۇ سەۋەبىدىن، ئازادلىق گېزىتىدە بۇ بىرلەشمە ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ ماقالە، فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايمىز. ياۋروپا پارلامېنتى بىزنىڭ ئاۋازىمىزغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك.»

بۇ يىل 25-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاي ھەقىقەتەن مىللىي ئىناقلىقنى ئىستەمدۇ؟ پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئاكادېمىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىلھام توختى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىشتى. مەزكۇر يىغىننىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىمۇ، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نائىل قىلىش ئىدى.

«ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىڭ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاينىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇشلار ئېلىپ بارغانلىقى، بولۇپمۇ 2015-يىلى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور بەختسىزلىكلەر يارىتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل قاراشتىكى ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەرگىزمۇ ھەل قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەتلەر بەرگەن.

ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى 24-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىلھام توختىغا 2016-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى لايىق كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن يا شۆساۋ خانىم ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش مەكتۇپىغا ئىمزا قويغان خىتاي زىيالىيلىرىدىن بىرى. ئۇ ئىلھام توختى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ بارماقتا. بۇ ناچارلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى، ئىجتىمائىي ھوقۇق، سىياسىي ھوقۇق، دىنىي ھوقۇق ساھەلىرىدە ئېغىر ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت. پروفېسسور ئىلھام توختى مانا مۇشۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان قەيسەر بىر ئىنسان. بىز ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ھېسابلاپ، ياۋروپا پارلامېنتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدۇق.»

ئايانكى، 27-ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ «مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنى قوللاش سادالىرى چەتئەلدە يەنىمۇ كۈچەيگەن، مەتبۇئاتلار ئىلھام توختىغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەر ۋە سىن فىلىملىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ھاننو شېدلەر ئەپەندىمۇ ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ياراملىق سىمۋولى» دەپ ئاتىغان. ئۇ سۆزىدە: «ئىلھام توختى مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەركىنلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دېمەكتۇر. ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارادا جىددىي تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياۋى مەسىلە ھالىغا كەلتۈرۈشتە زور رول ئوينايدۇ» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.