ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن روزا ھېيتلىق سالام

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.07.28
ilham-toxti-ailisi.jpg ئىلھام توختى ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن ئۆز ئۆيىدە خاتىرە سۈرەتتە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Sociao Media

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا 30 كۈن روزا تۇتۇپ، خەير-ساخاۋەت قىلىپ، مانا بۈگۈن ھېيتنى كۈتۈۋالغان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلار بۇ بىر ئاينى بارغانچە ئېغىرلاشقان دىنىي چەكلىمىلەر ۋە تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا ئۆتكۈزدى. بولۇپمۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يۈرەك يارىلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىماقتا.

بۈگۈن 28-ئىيۇل رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، روزا ھېيت مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ۋە ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۈرمىدە ئازاب تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىدىن ئەنسىرەش، ئۆزلىرىگە كەلگەن بېسىم ۋە نازارەتلەر ئىچىدە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىنغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ھېيتلىق سالىمىنى يوللاش بىلەن بىللە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارغا، بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ يىللىق روزا ھېيت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنىي ۋە سىياسىي بېسىملار ئەڭ ئېغىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇيغۇرلار بۇ يىل 30 كۈنلۈك روزىنى يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان ھەر خىل ناملاردىكى دىنىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلەر ئىچىدە، مەسچىتلەرگە قويۇلغان نازارەتچىلەر، مەھەللە-كوچىلارنى قاپلاپ كەتكەن قوراللىق ساقچىلار، دوقمۇش-دوقمۇشتىكى تەكشۈرۈشلەر-تەقىپ قىلىشلار ئاستىدا ئۆتكۈزدى. ھالبۇكى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋىجدان مەھبۇسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر جازالارغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا.

بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 ئايدىن بۇيان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر، تەقىب قىلىش ۋە يەكلەشلەر ئىچىدە كىچىك ئوغلى بىلەن ئانا يۇرتى ئاتۇشتىن يىراق بولغان بېيجىڭدا يەككە- يېگانە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە دائىرىلەرنىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدىمۇ، بۇ ئائىلىگە قاراتقان نازارەتنى بوشاشتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيانقى ئالتە ئايدىن بۇيان ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر بۇ ئائىلىنى كېچە-كۈندۈز كۆزىتىپ تۇرغىنى ئۈچۈن، ھازىر مەكتەپتىكى تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقىنى، بۇ ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنى يوقلاش نىيىتىدىكى دوستلارنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ پەقەت تېلېفون ئارقىلىقلا يۇرتى ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئېرى ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىغا ھېيتلىق سالىمىنى يوللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ سىرت بىلەن بىردىن-بىر ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى بولغان تېلېفوننىڭمۇ ساقچىلارنىڭ 24 سائەتلىك نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئۈرۈمچى دائىرىلىرى رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق روزا ھېيت مەزگىلىدىمۇ تۇتقۇندىكى ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلاش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى ۋە بالىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىلار، تۈرمىدىكى ئىلھام ئەپەندى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئەنسىرەش، ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە يېقىندىن بۇيانقى ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن بىرقانچە ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگە ئۇلىنىدىغان تېلېفون لېنىيىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىپ، ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتتە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان، ئەمما ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇلتۇردىن بۇيان يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ۋە قولغا چۈشۈپ قالغان پىدائىيلار ئائىلىسىنىڭ نۇقتىلىق نازارەت ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بايانىدا ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار تۈرمىدە قاتتىق رېجىم ئاستىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەردە نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ،بۇ ئائىلىلەرنىڭ بارلىق ھەرىكەت-پائالىيەتلىرى كۆزىتىش دائىرىسى ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى دوستلىرىنىڭ ئۇلارنى يوقلاش ھەتتا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال سورىشىنىڭمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ يىلقى ھەر خىل قانلىق باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن روزا ھېيتلىق سالىمىنى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئەڭ قاتتىق بولغان،ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بۇ يىل دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ۋە خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ 2009-يىلدىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇچرىغان بېسىملارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە، بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.