ئىلھام توختى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.09.05
marten-ennalis-ilham-toxti-1.jpg ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىنىڭ نەق مەيدان يىغىنى ھەققىدىكى ئېلان. 2016-يىلى 11-ئۆكتەبىر، جەنۋە.
Photo: RFA

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى 2017-يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىشنى رەسىمى قارار قىلدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى ئىلھان كۈچۈك ئەپەندى نامزات كۆرسەتكەن ئىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ مۇكاپاتىدىن ھەممىدىن بەكرەك سۆيۈنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولدى. ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا 31-ئاۋغۇست كۈنىلا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى گۇرۇھى خادىمىدىن رەسىمى يازما خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكالىق «خىتايدا ئۆزگىرىش» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ساۋ ياشۆ خانىممۇ ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى سانالغان ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپادا يەنىمۇ كۆپ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 43 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىلھام توختىنى ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەن ئىدى. گەرچە ئىلھام توختى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، كېيىن ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ بۇ قېتىم ئەركىنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. بىز ئىلھام توختىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئەڭ لايىق نامزات، دەپ قارايمىز. چۈنكى ئۇ، ھېچقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلمىغان، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى دىئالوگ يوللىرى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان گۇناھى ئۈچۈن تۈرمىگە بەند قىلىنغان بىر بەختسىز زىيالىي. بىز ئىلھام توختىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ھەرخىل خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتلىرىغا نامزات كۆرسىتىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى قوللاپ كەلمەكتە. بىز بۇ خىزمىتىمىزنى تاكى ئىلھام توختى ئەپەندى ئازاد بولغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىلھام توختىنىڭ يالغۇز ياۋروپا بىرلىكىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارانىڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر خۇش خەۋەر بولدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەمدە ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىپ، ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ تاللانغان ئاخىرقى تۆت نامزاتى قاتارىغا كىرگەن. ئۇ يەنە بۇ يىل گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەمدە 2016-يىلى «مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئىلگىرى بىر قىسىم مەشھۇر زاتلارنىڭ نائىل بولغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مارى خولىزمان خانىم ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىلھام توختىغا بەرگەن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتىغا بولغان خۇرسەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خېلىدىن بېرى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇكاپات ئىلھام توختىغا بېرىلىشى كېرەك. بۇ مۇكاپاتقا ئىلھام توختىدىن ئۆتە لايىق نامزات يوق. بىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەن ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتىمەن ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتىمەن. كونا-يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىغا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئىلھام توختىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقىمىزنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى ئېيتىۋاتىمىز. پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن قانداق قىلغاندا خىتايدىكى ناچار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا ئىلھام توختىنى ئازاد قىلغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كاللىسىغا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى قۇيۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتىمىز. يەنى، كىم بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ئىمكانىمىز بولسا، شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئاز-تولا نەتىجىسى بولۇۋاتىدۇ. بىز يەنە جىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ مۇھىم خىزمەتنى تاكى ئىلھام توختى ئەركىن دۇنياغا قەدەم قويغىچە يەنە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

بۇ يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەن خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى ھەققىدە ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدە مەھكۇملۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ يىل ئاخىرىدا «ۋامېر كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلھام توختى ياۋروپا بىرلىكىدە بارغانسېرى تەسىرى يۈكسىلىۋاتقان بىر شەخسكە ئايلانماقتا. بۇ يىل 22-23-ئىيۇن ياۋروپا بىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن 35-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى مەزگىلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىئەر ئانتونىئو پانزەرى ئەپەندى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دىئالوگ جەريانىدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.