2 - قېتىملىق ھۆكۈمدە ئىلھام توختىنىڭ يەنىلا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.11.21
ilham-toxti-sot-hokum.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014-يىلى 23-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
CCTV


ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 15 - يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، ئاتالمىش«دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ،23 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت جۈمە كۈنى ئىلھام توختى قامالغان تۈرمىدە قايتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى يەنىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سوتنىڭ بۇ قارارى ئىلھام توختى ۋە بۇ سوتتىن خەۋەردار بولغانلار تەرىپىدىن «ئادالەتسىز سوت» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

21 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋەپسىزلىك نازارىتىنىڭ قاماقخانىسىدا ئېچىلغان 2 - قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىغا، ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭلا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئەمما، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش سوتىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، يۇقىرى سوتنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىلھام توختىنى يەنىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى ئۆزىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، شۇ تاپتا سوتقا قاتناشقان ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ۋە ئادۋوكاتلاردىن سوتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تېلىفونىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ۋە ئەڭ تېز ئارىدا ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سوتتىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەنلەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ، دائىرىلەر ئاچقان بۇ سوتنى ئۆزلىرى قاتناشقان «ئەڭ ئادالەتسىز سوت» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان چاغدىكى ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:« يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىلھام توختى ئىنتايىن قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ ئادالەتسىز ھۆكۈم، بۇ قانۇننى بۇزغانلىق! دەپ ۋاقىرىدى ۋە ئۆزىنىڭ داۋاملىق نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

لى فاڭپىڭ يەنە سوتنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ،«ئۇلار يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت پۈتكۈل سوت مەشغۇلاتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. سوتقا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. كېيىن بىزنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشىمىز نەتىجىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا قوشۇلدى. بىز ئۇلارنىڭ ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرىلا پەرەز قىلغان ئىدۇق. بىز بۇ دېلو توغرىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان كۈنىمىزدىن باشلاپ پۈتكۈل مەشغۇلات باسقۇچلىرىدا قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىنمىدى. ئۇلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئىلھام توختى يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىكى سەۋەبلەرنى ئىزاھلاپ 100 نەچچە بەتلىك پىكرىنى يېزىپ چىقتى. ئەمما سوتچى بۇ ماتېرىياللارنى ئۆز قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا قايتا ھۆكۈم چىقىرىش ۋاقتىنى بېكىتتى. سوت دائىرىلىرى مۇشۇنداق مۇھىم ماتېرىياللارنى ھەتتا كۆرۈپ چىقىشنىمۇ خالىمىدى! ئۇلارنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىش جەريانىنىڭ ئۆزىدىلا قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ نۇرغۇن يوچۇقلار ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ» دېدى.

ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن بۇ قېتىمقى ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسىدىن يۇقىرى سوتنىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغانلىق قارارىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«مەن ئىلھامنىڭ ئاكىسىغا تېلېفون بېرىپ، يۇقىرى سوتنىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغانلىق قارارىنى ئاڭلىدىم. پەرەز قىلغىنىمدەك بولدى. ئۇلار ئادىل ھۆكۈم چىقارمىدى. چۈنكى ئۇلار دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمەيلا ھۆكۈم چىقاردى. ئىلھام توختى ئىلگىرى ماڭا ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن داۋاملىق نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى قانۇن ئادالەتنى ياقلىشى كېرەك!» دېدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلىىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىمۇ دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقارغان ئادالەتسىز ھۆكۈمىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، ئەمما قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا: « شىنجاڭ قان ۋە ئوت بىلەن قاپلانغان جاي. بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى تىنچلىق يولى بىلەن، سۆھبەت يولى بىلەن، ئۆزا - ئارا چۈشىنىش يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى ئىدى. ئادالەتسىزلىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغىنىدا، ئىلھام توختى مەيدانغا چىقىپ يەنىلا تىنچلىقنى، ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلدى، دىئالوگ يولى بىلەن قان تۆكۈلۈشنى ئازايتىشقا تىرىشتى. ئەمما ئۇ ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەرىپىدىن شەپقەتسىزلەرچە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. مانا بۇ بىزگە كومپارتىيىنىڭ دىئالوگ يولىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق يولىلا قالدى!» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى قارارى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە چىقىرىلغان. ئاتالمىش سوت ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر قانۇنىي رەسمىيەت خالاس. بۇ نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى دىلوسى ئۈستىدىن چىقارغان قارارى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. جۈمە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام، توختى ئۈستىدىن چىقارغان قارارىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ قارارىنى ئاقلاپ «جۇڭگو ئەدلىيە دائىلىرىنىڭ قارارى پاكىت ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.