قەشقەردىكى تۇنجى كامېرداش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-03-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن قامالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن قامالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA


كامېرغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ كىرىشنىڭ خەتىرىنى تۇنجى ئەسكەرتكۈچى ئەمەتقارى ئىدى. ئۇ كۈنى سالىمىم ئىلىك ئېلىنمىغان، مېنىڭ تۇنجى كامىردېشىم سالىمىمغا بۇتتەك تۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. مېنى تۇتقانلار بولغۇسى كامىردېشىمنى «سىياسىي» دەپ تونۇشتۇرمىغان بولسا ھەيران قالمايتتىم. ئادەتتە «سىياسىي» بولۇپ تۇتۇلىدىغانلار چوقۇم مۇسۇلماننىڭ بوينىدىكى سالام قەرزىنى بىلىدىغان كىشىلەر بولاتتى. ئەمەتقارى مېنى سولىۋەتكەن گۇندىپاي كېتىپ خېلىغىچە ئىشىك تۈۋىدە تىك تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى.

زەي بىلەن نىجاسەت گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان كامېرغا سەپ سالدىم. ئىككى كىشىلىك تار سۇپا تاپانچا شەكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «تاپانچا» نىڭ تەپكىسىدە بىر جۈمەكلىك تۇرۇبا، تۇرۇبىنىڭ ئاستىدا بىر تۆشۈك تۇراتتى. بارلىق سېسىقچىلىقنىڭ مەنبەسى بولغان بۇ تۆشۈك ھاجەتخانا دېيىلسە كېرەك. ئەمەتقارى لەپپىدە قاراپ:

- قېرىندىشىم، سىلى بايام خاتا قىلدىلا، كامېرغا مۇسۇلمانچە سالام قىلىپ كىرمەيمىز، خەنسۇچە «دوكلات!» دەپ كىرىمىز. ئۇيغۇر ساقچى گەپ قىلمىدى، بولمىسا تار يەردە بەك ئۇرۇپ كېتەتتى. چوڭ ئىشىكتىن كىرگەندە قانچىسى ئۇردى؟

مۇشۇ ئاخىرقى سوئالنى سورالمىسىكەن، ھېچكىم ھالىمنى بىلمىسىكەن، دەپ تۇرغانتىم. ئىچىمگە يۇتۇپ بولغان خورلۇق بوغۇزۇمغا كەپلەشتى. خورلىماي قانچىسى دەسسەپ چەيلىگەن بولسا چىدىغان بولاتتىم. بۇرۇن تۈرمىدە قىينالمىغان بولساممۇ، قۇللۇقنى ئاشكارە رەت قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق قىينالغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئوقۇغان ئىدىم. ئەمما ھېلىقى پاناق مەلئۇن كىيىمنىڭ ھەممىنى سېلىشقا بۇيرۇپ، ئېشەكتەك دوڭغايتىپ كاسامغا شاپىلاقلىغاندا لېۋىمنى چىشلەپ قانىتىۋەتتىم. ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدىكى قىيناشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان بولساممۇ بۇنداق قىلارىنى ئويلىمىغان ئىدىم. دەرھال كاسامنى تۇتۇۋېلىشىمغا ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. غەزەپ ۋە خورلۇقتىن لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم. كۆزۈمگە تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارنىڭ كالچاراپ تۇرغان ئېغىزلىرىلا كۆرۈنەتتى. ئۇلار خىتايچە ماڭا ئەڭ مەينەت، قۇسۇقتەك گەپلەرنى دېيىشىپ ھېلى سەكرەتسە، ھېلى ئېڭىشتۈرەتتى. يۈزى كېپەندەك نۇرسىز، پاناق خىتاي خۇددى مېنىڭ چاترىقىمدىن يىڭنە چىقىدىغاندەك قايتا قايتا تەكشۈرۈپ، جان يېرىمنى تۈتىۋالغان قۇلۇمنى باشقىلىرىغا قايرىتىپ تۇرۇپ نەچچىنى تىزلىۋەتتى. ئاخىرى بارلىق «تەكشۈرۈش» تۈگەپ ئالدىمغا كۈلرەڭ جىنايەتچىلەر كىيىمى تاشلاندى. «ئۇھ!» دەپ ئالدىراپ جان يېرىمنى ياپتىم-دە ئىچىمدە ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇدۇم.

ئەمەتقارىغا بۇلارنى دېگۈم كەلمىدى، يىغلاپ تاشلىماي تۇرۇپ دېگىلىمۇ بولمايتتى. قاچان كىرگىنىنى سورۇدۇم، يېتىۋاتقانغا يەتتە ئاي بوپتۇ. ماڭا ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان رەقەمدەك تۇيۇلغان «يەتتە ئاي» دېگەن سۆزنى ئىشتىپ ئاغزىغا قاراپ قالدىم. ئۇ ئەمدىلا ئىككىنچى جۈملىنى باشلىۋېدى بېشىمىزدىكى كانايدىن خىتايچە: «ئاغزىڭنى يۇمۇشامسەن، چىچىپ يۇمدۇرايمۇ؟»، دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. خېلى ئۆتۈپ چىراغ ئۆچۈشىگە خالادىن چىقىۋاتقان بەتبۇي پۇراق تېخىمۇ كۈچەيگەندەك بىلىندى. ئەمەتقارى بىلەن پىچىرلاپ مۇڭدىشىپ كەتتۇق.

كامىردېشىمنىڭ ئۆيى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەن ئاچماقچى بولغان ئانا تىل مەكتەپكە يېقىن يەردە ئىكەن. قارغىلىقتا بالا ئوقۇتۇپ يۈرۈپ تۇتۇلۇپتۇ. توي قىلغىلى ئۇزاق بولمىغان بولۇپ قۇچاقتا بالىسى بار ئىكەن. مەن قامىلىشىمنىڭ ئانا تىل يەسلىسى سەۋەبلىك بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەن. شۇڭا ئادەتتىكىچە بىلىندى بولغاي: «ئۇنداقتا سىلىنى قويۇپ بېرىدىكەن»، دېدى. مېنى ئەرتىسى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جەزملەشتۈردى بولغاي: «سىلىنى قويۇپ بېرىدۇ!» دەپ كېسىپ ئېيتتى. سەۋەبى كەيگىنىم «سىياسىي» جىيانيەتچىلەرنىڭ سېرىق جىلىتكىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭغا ماڭا «سىياسىي» قالپاق كىيدۈرۈلمىگەن بىلەن، مېنى تۇتقانلارنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئىكەنلىكىنى دېمىدىم. ئەرتىسى ئىشارەت بىلەن ئوقۇلغان بامداتتىن كېيىن ئەمەتقارى پىچىرلاپ قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى. نامازدىن كېيىن ئۆزۈم بىلىدىغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى تۈگىتىشىم بىلەن تەڭلا قەلبىم قۇرۇقدىلىپ، ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك تۇيغۇ يەنە باش كۆتۈردى. دېرىزىسىز زەي كامېر بېشىمغا كىيدۈرۈلگەن قارا خالتىدەك دېمىمنى سىقىشقا باشلىدى. كاشكى، مەنمۇ ئەمەت قارىدەك قۇرئاننى يادا بىلگەن بولسام...

قاماقتىن چىقىپ قەشقەردىكى تۇنجى كامىردېشىم ئەمەتقارىنى ئويلىدىم. ئۇ ئايالى ۋە بالىسىنىڭ يەتمىشتىن ئاشقان ئانىسى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى دېگەنتى. ئۇ مېنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىپ ئايالىغا گەپ تاپىلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەھبۇسنىڭ ئايالى ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا كۆرۈشۈشكە ئىجازەت بېرىدىكەن، ئۇ مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئايالى ۋە بالىسىنى كۆرۈۋالماقچى ئىدى. ئەمەلىيەتتە مەن ياتقان قاماقخانىلاردا ھەر بىر كامېرغا قامالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يوغان يېزىلىپ تاختاي بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. قامالغۇچىلار ھەر كۈنى شۇنى يادلاشقا مەجبۇر ئىدى. ھوقۇقلار ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى بارلىقى ئېنىق يېزىلغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشقىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. ئەمەتقارى ئۈمىد قىلغاندەك چىقىپ كېتەلمەي يېتىپ كەتتىم. بەلكىم ئۇ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرمىگە پالىنىپمۇ بولغاندۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ، ئايالىغا تاپىلىغان گەپنى ئۆز ئاغزىم بىلەن دەپ قويۇشنى ئويلاپ يۈردۈم.

ئەمەتقارىنىڭ كەنتىنى تاپتىم. قېرى ياش ھەممەيلەن كەنت قورۇسىدا يىغىندا ئىكەن. دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ بولغۇچە ئالدىمغا قورال كۆتۈرگەن بىرى كەلدى. نېمە ئىشىم بارلىقىنى دېيىشىم، كىملىكىمنى بېرىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭغا كىملىكىمنى بېرىشمۇ، ئەمەتقارىنىڭ تاپىلىشى بىلەن كەلگەنلىكىمنى دېيىشمۇ خەتەرلىك ئىدى. كىملىكىمنى بەرسەم قولىدىكى ئەسۋابقا سالسىلا تۈرمىدە ياتقىنىم چىقاتتى-دە قاماپ قوياتتى. تۈرمىدىن چىقىپ ئون كۈنلەر ئۆتكەندە مۇشۇنداق تەكشۈرۈش سەۋەبلىك قاماپ قويۇلغان ۋە بىرمۇنچە ئازار يېگەن ئىدىم. ساقچىغا يالغاندىن قوشنا كەنتكە چۈشكەن كادىر ئىكەنلىكىمنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم. كەنت قورۇسىغا كىرسەم كىم بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كىملىكىم تاپشۇرىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىرىنى ساقلىغان بولۇپ دەرۋازا ئالدىدا تۇردۇم.

كەنت قورۇسى ئىچىدە ئوينىلىۋاتقان كوللېكتىپ ئالما ئۇسۇلى تۈگەپ ئايرىم نومۇر كۆرسىتىش باشلاندى. كالتەك كۆتۈرۈۋالغان بىر بالىدىن بۇنداق ئايرىم نومۇر ئورۇنلايدىغانلارنىڭ نۇقتىلىق ئائىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇنداق ئائىلىلەر ئىچىدە ئەمەتقارى دېگەن بىرەيلەننىڭ ئائىلىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدىم. بۇغداي ئۆڭ، ئالا كالتەك بېشىمدىن ئايىغىمغىچە بىرنى قاراپ قورۇ ئىچىنى ئىما قىلىپ،-ئاشۇ ئايالنىڭ ئوغلى،-دېدى. قارىسام سەھنىدە يۈزىگە قويۇق ئۇپا-ئەڭلىك سۈرتۈلۈپ، قۇلىقىغا ساختا گۈل قىستۇرۇلغان، ئۇچىسىغا يېشىغا نامۇناسىپ قىزىل-تىزىل سەھنە كىيىمى كىيدۈرۈلگەن 70 ياشلاردىكى بىر ئانا تۇراتتى. ئانىنىڭ ئېغزى ئۆمچەرەپ، لەۋلىرى گەپكە كەلمەيتتى. ئۇ لاغىلداپ تىترەپ قولاشمايۋاتقان قولىدا مىكروفوننى تۇتۇپ-مەن كۆپچىلىككە «ئازاد زامان» دېگەن غەزەلنى ئوقۇپ بېرەي،-دېدى. سەھنىدىكى كادىرلار ۋە تاماشىبىنلار ئىچىدىكى بىر قانچەيلەندىن باشقا ھېچ كىم چاۋاك چالمىدى. ئانا نەچچە تەمشىلىپ ناخشىنى باشلىيالماي بىردىنلا ئۆزىنى كاچاتلاپ: «ۋاي مەن ئۆلسەم بولمامدۇ، ئۆلۈپ قۇتۇلسام بولمامدۇ، ۋاي مەن ئۆلەي، مەن ئۆلەي، ئادەم بولۇپ تۆرەلگىنىم ئۈچۈن ئۆلەي، بالا تۇغقىنىم ئۈچۈن ئۆلەي!»-دەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. مېنىڭمۇ چاناقلىرىم ياشقا تولۇپ لېۋىمنى قاتتىق چىشلىدىم-دە نېرىدا قورالنى سىقىملاپ مېڭىپ يۈرگەن قارا كىيىملىك ساقچىغا قارىدىم. قولىدىكى قورالغا ئېسىلساملا ئاتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ھاياتىمدا مەن ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئاشۇ قەدەملا قالغان ئىدى.

پىكىرلەر (2)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت

Uyghur

دىن Virginia

Uzun boptiken bundaq bir yaxshi yizilghan, Uyghurning qelbidikini sozligen yazmini kormigini.....dawamliq yizing Abduvali Ayup

Mar 22, 2017 11:10 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،

'قەشقەردىكى تۇنجى كامېرداش'
دېگەن خەۋەرنى ئېڭگىلىسچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

Mar 22, 2017 02:43 AM

تولۇق بەت