كېرىيەدىكى 29-يانۋار قانلىق ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.01.31
xoten-maniwer-xitay-saqchi.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP


ئۆمەر ئابدۇغېنى، ئۆمەر مەمەت ۋە مەتسېلىم مەتكېرىم قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر پىدائىي 28 - يانۋار كۈنى چىرا ناھىيەسىنىڭ يانتاقكۆل كەنتىدە ئۆزلىرىگە خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرگەن ئىككى نەپەر ساقچى ۋە بىر ئامانلىق خادىمىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ قاچقان.

بۇلاردىن ئىككى نەپىرى 29 - يانۋار كۈنى چۈشتە، لەڭگەر يېزىسىنىڭ يېڭىكۆل كەنتىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. خىتاي تەرەپ ھاۋاغا ئۈچ پاي ئوق چىقىرىپ ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن، ئۇلار تەسلىم بولۇشنى خالىمىغان، خىتاي تەرەپ دەرھال ئوق چىقىرىپ ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان.

تۆۋەندە بۇ ۋەقەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى، ۋەقەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان لەڭگەر يېزا ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.