ئامېرىكا: ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ئەھۋالدا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.04.30
turpan-emin-meschit.jpg تۇرپان ئېمىن مەسچىتى. 2013-يىلى 27-ئىيۇن.
AFP

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2014‏-يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا مۇستەقىل كاتولىك، پروتېستانت مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى داۋاملىق ناچارلاشقان.

دوكلاتتا، دۇنيادىكى 33 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي قاتارلىق 8 دۆلەتنى داۋاملىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتايدىكى مۇستەقىل كاتولىك، پروتېستانت مۇخلىسلىرى قولغا ئېلىنىش، جەرىمانە تۆلەش، ئىبادەتخانىلىرى پېچەتلىنىشكە دۇچ كەلگەن. فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرى، باشقا بۇددىست، پروتېستانت گۇرۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي تائىپىلەر «باتېللىق»، «بىدئەتلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماققا، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي مۇرىتلارغا ئەقلىي كېسەللىك تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەنقىدلەرگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرمىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاترىنا لانتوس سۋېت، خىتاينىڭ مۇستەقىل دىنىي چۈشەنچىلەرنى باستۇرىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى مەۋجۇت ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. بۇ كىشىنى بىئارام قىلارلىق بىر ۋەزىيەت. چۈنكى، ئۇ بۇ جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىزچىل تىرەجەپ كەلدى. شۇڭا، ئۇ ئەلۋەتتە پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم بىز ئۇنى يەنە بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. باستۇرۇش ۋە جازالاش ئوخشاش دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بۇددىستلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، مۇستەقىل كاتولىك ۋە پروتېستانتلارنى، فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىنى نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتايدا مۇستەقىل دىنىي ئىبادەت زەربە بېرىش نىشانى. شۇڭا، دىندارلار قانداق دىنىي گۇرۇپپىغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى دىنىي جەمئىيەتكە مەنسۇپ بولمىسا، زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى توقۇنۇشلار ۋە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنى تەھلىل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن ساقچى ۋە ئامانلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئۈسۈپ كىرىشى، مەۋجۇت جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بېيجىڭ يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلار ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى، دەپ قارىسىمۇ، بىراق بەزى ھادىسىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان قاتتىق چەكلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلغان كىشى، بۇ ھەرىكەتنى دائىرىلەر ئۇنىڭ يۇرتىدىكى بىر مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان ھەسەن، ئاپتوموبىلدا ئانىسى ۋە ئايالى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا ھۇجۇم قىلغان. 2013‏-يىلى 28‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، ئاپتوموبىلدىكى 3 كىشى ۋە يول ياقىسىدىكى ئىككى يولۇچى ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىپ، ئوسمان ھەسەننى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ چۈشەنچىسى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قايىل قىلالمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى.

كاترېنا لانتون سۋېت مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ناھايىتى روشەنكى، بىز شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ شىددىتىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىمىز. بىز دوكلاتىمىزدا بەزى ۋەقەلەر توغرىلىق تەپسىلىي توختالدۇق، دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچىلار يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەسىگە جاۋابەن، يەنە بىر قېتىم «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلاپ، نىشاننى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئىلگىرىلەپ چەكلەشكە قاراتقان. بىراق يېڭى چەكلىمىلەر يېڭى توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا، ساقچىلار ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىنىڭ 16‏-كەنتىدە روزا ھېيت نامىزىنى چەكلىگەچكە، يەرلىك ئاھالە ساقچىلارغا تاش ئېتىپ قارشىلىق قىلغانلىقى ۋە 300 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2013‏-يىلى 6‏-ئايدا، يەنە، ساقچىلارنىڭ خوتەن خانئېرىق يېزىسىدا شۇ جايدىكى بىر مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى، ۋەقەدە 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى، توقۇنۇش مەسچىت ئىمامىنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن خۇتبىنى ئوقۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

2012‏-يىلى، خوتەندە دىنىي مەكتەپ ئېچىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئانا تىلى ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتى بىلەن پۈتۈنلىشىشىگە توسالغۇ ئاساسلىق ئىككى ئامىل، دەپ قارايدى. مەمەت توختى، شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى بۇ ئىككى ئامىلغا قاراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابلىرىدا ياكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەردىكى تەسىرىنى ئازايتىپ، خىتايلارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش، يەنى ئۇ رايوننى تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى تايانچ كۈچى بار ئامىللارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى. بۇ تايانچ كۈچى بار ئامىللار قايسى دېگەندە، بىرى، دىنىي كىملىك، ئىككىنچىسى، مىللىي كىملىككە ئائىت بولغان تىل-يېزىق، تارىخ، ئۈچىنچىسى، ئۆرپ -ئادەت ۋە نەشرىياتچىلىق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىپى يارىتىش ئىستراتېگىيىسىگە ئەڭ كۈچلۈك توسالغۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي، دەپ قارالغىنى ئۈچۈن، ھۇجۇم نىشانىمۇ بۇ ئىككى ئامىلغا قارىتىلىپ كەلدى.

لېكىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئەكسىچە رول ئويناۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقادنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئۆزگىرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قايتۇرۇلغان بىر خىل ئىنكاس.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەكس تەسىر بەرگەنلىكى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمغا ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ دىنىغا تېخىمۇ سادىق بولۇش، بۇرۇن ياغلىق چىگىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئاياللارنىڭ ھازىر ياغلىق چىگىشى ۋە ھەتتا چۈمبەل ئارتىشى، ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا يۈزلىنىشى، ھالال-ھارامنى ئايرىشى، بالىلىرىغا بولغان تەلىم-تەربىيە، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى نەرسە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا نىسبەتەن قارشىلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ دىنىنى چىڭ تۇتۇش، ئەگەر چىڭ تۇتمىسا بۇنى يۇقۇپ قويىدىغانلىقىدەك ئەندىشە. مۇشۇ ئىككى نەرسىدە ناھايىتى روشەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 ۋە 2009-يىلى تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، دىنىي زاتلارنى ئىشەنچسىزلەشتۈرىشنى، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئىبادەتخانا، مەسچىتلەرنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇددىست راھىبلىرىنى سىياسىي ساداقەتمەنلىككە مەجبۇرلىغانلىقى ۋە مۇسۇلمان دىنىي زاتلارنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.