لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى سادالار كۈچەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.05.31
li-keqiang-kechyang-Angela-Merkel.jpg گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا دۆلەت مارشى چېلىنىشتىن بۇرۇن. 2017-يىلى 31-ماي، بېرلىن.
AFP

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىنكاس بىلدۈردى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 22-ماي كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 16 تەشكىلات ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىرلىكىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۈنۈملۈك ئىنكاس بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 29-ماي كۈنى د ئۇ ق ھەمدە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەتلەر يوللاپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1999-يىلى باشلانغان باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ 19-نۆۋەتلىكى ئۈچۈن ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان لى كېچياڭ، 5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە 19-نۆۋەتلىك باشلىقلار سۆھبىتى ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىدە بولاتتى. د ئۇ ق، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىريۇسسېلدا لى كېچياڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى 16 تەشكىلات ئېلان قىلغان بىرلەشمە بايانات ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە، بۇ بىرلەشمە ئوچۇق خەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز تەشكىلاتى نامىدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلگە ۋە يارۇپا بىرلىكى رەھبەرلىرىگە يازغان خەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاي نامىدىن ئېلا قىلغان ئوچۇق خېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولسا، كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.