لۆكچۈن ۋەقەسى پاش بولۇپ قېلىپ بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.12.31
pichan-lukchun-weqesi.jpg ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic


خىتاي ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2013 - يىلى 26 - ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 06:00 ئەتراپىدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا، ساقچىخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى شۇنداقلا بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدا، ھۇجۇمچىلار ساقچى ۋە ئامانلىق خادىمىدىن 9، پۇقرادىن 8نى ئۆلتۈرگەن، 3 كىشىنى يارىلاندۇرغان، ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن 10 كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ 3 نى قولغا ئالغانلىقى، ھۇجۇمچىلاردىن يەنە بىر قانچىسى قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ ۋەقە توغرىسىدا يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىئومىز مۇخبىرىغا سۆز بەردى.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى 32 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلار ھۇجۇم تەييارلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مالىيە ئىشلارغا مەسئۇل ئەخمەت نىياز سىدىق دېگەن ياش نۇرغۇن پۇل بىلەن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ۋە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بۇ گۇرۇپپا پاش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلغانلىقى ئاشكارا بولدى.

ئسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ياشلار 32 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 16 كىشىلىكتىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت باشلىغان، بىرىنچى گۇرۇپپا ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى گۇرۇپپا ھۇجۇمغا ئۆتكەن، بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى ئاچالماي ئۇ يەردە ئوققا تۇتۇلغان.

لۆكچۈن ۋەقەسىدە ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ ناماز ئوقۇغان ۋە بىرىنچى گۇرۇپپا ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن 2 - گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بىرىنچى گۇرۇپپا چاقماق تىزلىكىدە ھەرىكەت قىلىپ 7 مىنۇت ئىچىدە ساقچى ئىدارىسىنى قامال قىلغان ۋە 10 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ ئىشنى تاماملىغان ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان.

بۇ ۋەقەدە 4 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىسى ساقچى ئىكەن، بەزىلىرى ۋەقەنى پاش قىلىش ئۈچۈن تېلېفۇن قىلىۋاتقاندا ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىكەن. ۋەقەنى ياخشى بىلىدىغان بۇ شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىن ئۇزاقلاپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار رەت قىلىپ پىدائىيلارغا ۋاقىرىغان ۋە تېلېفۇن قىلىشقا ئۇرۇنغاندا چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىكەن.

پىدائىيلار ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ساقچىلار قورالسىز بولۇپ، قوراللار بار ئىشخانىغا قۇلۇپ سېلىنغان، ئاچقۇچى ساقچى باشلىقىدا ئىكەن. ئۇ ساقچى باشلىقى خىتاي قورقۇپ كېتىپ ئىككىنچى قەۋەتتىن ئاتلاپ قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قورالنى ئالالمىغان ساقچىلار ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدە 9 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.