مارالبېشىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 18 كىشى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.10.18
qeshqer-saqchi-herbiy-kocha-charlash.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 23-ئىيۇل، قەشقەر.
ImagineChina

بۇ ھەپتە ئىچىدە بەزى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ  تۇمشۇق شەھىرىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ  جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە مەزكۇر شەھەردە چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تۇمشۇق شەھىرىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ تۇمشۇقتا ئەمەس، مارالبېشىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىز مارالبېشىدىكى ساقچىلارغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار  ۋەقەنىڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.