گۇمىدا ئاھالىلەر كۈندۈزى نورۇز ئۆتكۈزۈپ، كېچىسى مەسىلە تاپشۇرغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.03.21
guma-qarshiliq-herbiy-1.jpg خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
ts.cn


بۈگۈن خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا گۇما ناھىيىسىنىڭ چياۋدا يېزىسىدا 4000 كىشىلىك نورۇز ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، چياۋدادىكىسى گۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىنىڭ كىچىكرەكى بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ كاتتىسى گۇمانىڭ پىيالىما يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما، پىيالىمادا شۇ كۈنى كەچتە مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەر ئاتالمىش خاتالىقلىرىنى پاش قىلىشقا قىستالغان. مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن پىيالىما يېزسىدا نۆۋەتتە 150 چە كىشى مەسىلىسىنى چالا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا تۇتۇلماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇمكى گۇما ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قېتىم سانى ۋە شىددىتى جەھەتتە ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا دائىرىلەر 2014-يىلى باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدىمۇ، بۇ يىل باشلانغان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدىمۇ گۇمىنى مۇھىم نۇقتا قىلدى. خىتاي ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە يىلدىن بېرى، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋەھىمىلىك داۋام قىلغان گۇما ناھىيىسىدە بۇ يىل نورۇزمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكەن، ئەمما ئوخشاش كۈندە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىمۇ توختىمىغان. گۇمىدىكى سېكرىتار ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ گۇمىنىڭ نورۇز كۇنىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى بۇ نۇقتىنى يۇرۇتۇپ بەرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇمىنىڭ پىيالىما يېزىسى 7 كەنتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نوپۇسى 12 مىڭ ئەتراپىدا. يۇقىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، پىيالىمادىكى، 1400 نوپۇسقا ئىگە 3-كەنتتىن 18 كىشى مەسىلىسىنى چالا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سانلىق مەلۇمات ۋە گۇمانىڭ ناھىيىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئاتالمىش مەسىلىىنى چالا تاپشۇرۇش سەۋەبلىك، پىيالىما يېزىسىدا 150چە كىشىنىڭ، گۇما ناھىيىسى بويىچە مىڭلارچە كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما، گۇمىدىكى نورۇزنى داغدۇغىلىق خەۋەر قىلغان خىتاي دائىرىلىرى، بۇ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.