ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق نورۋېگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەنە لەپىلدىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2013-10-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى، ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلدى. 2013-يىلى 1-ئۆكتەبىر، نورۋېگىيە.
خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى، ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلدى. 2013-يىلى 1-ئۆكتەبىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلونىڭ شەھەر مەركىزىگە يىراق بولغان بيدەل ۋەسترە ئاكەردىكى ئاھالىلەر رايونىغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى يەنە لەپىلدىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بۈگۈنكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتايلار ئۈچۈن دۆلەت بايرىمى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم ھېسابلىنىدىغان بۇ كۈننى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىق ۋە نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاش، نۇتۇق سۆزلەش ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزدى. نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى قويۇلدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى تۇرغۇنجان قارىممۇ قاتناشقان بولۇپ ئۇ تەكلىپ بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىش كۈنتەرتىپى بويىچە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن پەرھات ياقۇپ ئەپەندى ۋە جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئۆمەرجان ئاكىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلانىڭ تارىختا قۇرغان مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ كىملەرنىڭ قولى بىلەن قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ۋە شۇنداقلا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

نامايىشقا قاتناشقان خانىملاردىن ئاسىيەم ھاجىم بىلەن خەلچەم نامايىش تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا يەنە ۋېنگىرىيەلىك ۋە تۈركىيەلىكلەر ھەم فالۇڭگۇڭچى خىتايلار ۋەكىلىمۇ قاتناشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋېنگىرىيەلىك يىگىت گەرچە ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن بۇنداق بىر نامايىشىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، ھۇن ئەۋلادى ھېسابلىنىدىغان ۋېنگىرىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە قېرىنداش دەپ قارايدىغانلىقىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولۇپ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىنگلىزچە ۋە ۋېنگىرىيە تىلىدا ھاياجان بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

نىجات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ چەتئەللىك دوستلارنىڭ نامايىشقا قاتنىشىش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت بىردە باشلانغان نارازىلىق نامايىشى يەنە غەزەپلىك توۋلانغان شوئارلار بىلەن ئاخىرلاشتى.

تولۇق بەت