زىيالىيلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا مەلۇماتلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.11.07
daish-xitayda-xerite-torbet.jpg ئەرەبچە ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بار بەت.
RFA/Abduweli Ayup

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بەزى خاتا مەلۇماتلارغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى ۋە ھەتتا بەزى ئاپتورلاردىن ئەپۇ مەكتۇپلىرى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچۇر-ئاخبارات ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ناتوغرا مەلۇماتلارغا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىش ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەنلا قالماي تەشۋىقات ئارقىلىق بۇ خىل سىياسەتلەرنى ئاقلاۋاتقان ئىدى.

يېقىنقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭغا قارشى قەلەم كۈرىشىنى باشلىغانلىقى مەلۇم. ئۇلار بۇ جەھەتتە ماقالە يېزىش، لېكسىيە سۆزلەش، فېيىسبۇك، تىۋېتتېر ۋە توربەتلەرنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت زۇلۇملارنى پاش قىلىش ۋە مۇخبىرلارغا ھەمكارلىشىپ ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

2017-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» دېگەن نامدا تەشۋىقاتچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۈركىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى ئاقلاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 31-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدىكى داڭلىق مەكتەپلەردىن بىرى بولغان (ENS) ةcole Normale Supérieure  دېگەن مەكتەپتىكى سىياسىي جۇغراپىيە گۇرۇپپىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان دائىشنىڭ قايتىپ بازا قۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەرنى خەرىتىگە چۈشۈرگەن. خەرىتىگە خىتايمۇ كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئىسترېلكا قارىتىلغان. ئىسترېلكا بېسىلغان ھامان «دائىش خىتايدا» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا خىتاينىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جىھاتچىلارنىڭ قايتىش خەۋپى بار دۆلەت ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر رايوندا ئالاھىدە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى يېزىلغان.

بۇنى كۆرگەن فىرانسىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەزكۇر ئورگانغا خەت يېزىپ ماقالىدىكى خاتالىقنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتكەن ۋە بۇ مەزمۇننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دۆلەت تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھالبۇكى يۇقىرىقى ئورگاننىڭ خىتايغا مەسئۇل خادىمى بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنى خاتا چۈشىنىپ رادىكال ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىسى دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئەتىسى مەزكۇر ئورگان خەرىتىدىكى ئىسترېلكا بېسىلغاندا چىقىدىغان ماۋزۇنى «شىنجاڭ نازارەت ئاستىدا» دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە خاتا مەزمۇنلارنى تۈزەتكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى خاتا چۈشەندۈرگەن بىر ئەرەبچە ماقالىگە رەددىيە يېزىپ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق. ماقالە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئىزاھلاشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتور سەۋەبنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىنكاسلىرىغا ئەمەس بۆلگۈنچىلىك مەقسىتى بىلەن «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە باغلىغان ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە 2017-يىلى 11-ئۆكتەبىردە ئەرەبچە چىقىدىغان بۈگۈنكى ئاسىيا دېگەن ژۇرنالغا بېسىلغان بولۇپ فېيىسبۇكلاردا تارقىتىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان. ماقالىنى كۆرگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆزىنىڭ ئەرەبچىگە ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسىگە تايىنىپ ئاپتور بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. ئەبۇبەكىر ئابدۇلمەجىد ئىسىملىك بۇ يازغۇچى ئاخىرى مەزكۇر ئۇيغۇر زىيالىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى خاتا چۈشەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە قىزىل بويالغان ئالاھىدە بىر بەت ياساپ تەشەككۈر ئېيىتىقان.

بۇ خىلدىكى قەلەم كۈرىشىنىڭ رولى ھەققىدە فىرانسىيەدە ياشايدىغان مەزكۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ « ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزدە ئۇيغۇرغا قارشى خاتا ماقالىلەر يېزىلغان ھامان تەشۋىقاتقا ئەمەس، پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ خاتالىقىنى ئىلمىي كۆرسىتىپ بەرسەك نامىمىزغا خاتا داغ چاپلانماسلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز» دېدى.

بۇ ھەقتە يەنە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈندۈزئاي ھامۇت خانىممۇ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ۋەقەنى قوشۇمچە قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە خىتاينىڭ چەتئەللەردە سەلبى ئۇچۇرلارغا تاقابىل تۇرىدىغان مەخسۇس خادىملىرى بولۇپ تاراتقۇلاردىكى ئىنكاس بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ  ئۆزىنى ئاقلايدىكەن. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋاقتى يەتكەن دائىرىدە ئىزچىل بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئارىسىدا بۇ بىر ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلانمىغان ئىكەن.

ئۇيغۇر زىيالىسى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق بۇ ھەقتە قىلىدىغان خىزمەتنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

فىرانسىيەدىكى مەزكۇر ئۇيغۇر خانىم زىيالىيلارغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە پاكىتلىق رەددىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ بۇخىل ئۇتۇق ئارقىلىق ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قىلغان ئەھمىيەتلىك سەپەرۋەرلىكى ئەركىن سىدىق، مەمەت ئىمىن قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.

2017-يىلى ئاپىرىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش كۈچەيتىلگەن بولۇپ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «ساقچى دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىن جەھەتتىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم نازارەتتە ياشاۋاتقانلىقى كۈندە دېگۈدەك ئاشكارىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى «ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار» ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.