رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ ئوغلى قۇربانجان ئارىف: رابىيە قادىر خانىمغا ھەمكارلاشقىنىم راست، بۇنىڭ ئاپام بىلەن ئالاقىسى يوق

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.27
qurbanjan-arif-rabiyxan-musa-ana-1.jpg 5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈشكە تەشنا بولغان رابىيخان ئانا.
RFA/Shohret Hoshur

بورتالالىق 82 ياشلىق رابىيخان ئانا نورۋېگىيەدىكى ئوغلى قۇربانجان ئارىفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن پاسپورتىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بورتالادىكى خىتاي ساقچىلىرىمۇ بۇ رېئاللىقىنى ئىنكار قىلمىغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز قۇربانجان ئارىف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ھەمكارلاشقىنىڭ نورمال ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئانىسى رابىيخان ئانىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىزلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئانىسىنى چېتىۋېلىشىنى «قانۇنسىزلىق ۋە باندىتلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم قۇربانجان، بىز ئاپىڭىز رابىيخان مۇسا خانىمنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ھەققىدە بىرقانچە پروگرامما ئىشلىدۇق، بۇ جەرياندا بورتالا ساقچىلىرى دەسلەپتە ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان،ئاخىرىدا، پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە قولىمىزدا، يېتەرلىك سەۋەب بار دېدى، ئۇلار دەۋاتقان سەۋەب نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
جاۋاب: خىتايدا قانۇن دېگەن نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى، ساقچىلارنىڭ كىمنى جازالىغۇسى كەلسە، شۇنىڭغا بىر توقۇناقنى ئارتىپ تۇتۇپ-سولايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ قوشۇپ جازالايدىغانلىقىنى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياخشى بىلىمەن، شۇڭا ساقچىلارنىڭ قولىمىزدا پاكىت بار دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان ۋە باھانە.

2. ئاپىڭىزنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، ساقچىلار ئاپىڭىزغا سىزنى رابىيە قادىرنىڭ ئورنىغا چىقماقچى ۋە چىقىپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىپتۇ ۋە مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئاپىڭىزنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋاپتۇ، سىز بۇ گەپلەرگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئاپام ياشىنىپ قالغان بولغىنى ئۈچۈن گەپنى خاتا ئاڭلاپ قالغان ياكى خاتا خاتىرىلەپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق بولسا، بۇ گەپلەر شۇ ساقچىلارنىڭ نەقەدەر ساۋاتسىز، ۋەزىيەتتىن نە قەدەر خەۋەرسىزلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى. پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم، رابىيە قادىر خانىم مەن ئىزىنى باسالايدىغان، مەن ئورنىغا چىقالايدىغان بىر خانىم ئەمەس. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ ساقچىلارنىڭ ئادەم جازالاش ئۈچۈن ئېغىزغا كەلگەننى جۆيلۈشتىن يانمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.

3. بەلكىم بۇ يەردە سىزنى رابىيە قادىر خانىمغا ھەمكارلاشقان، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سېپىدە يەر ئالغان دېگەن ياكى شۇنداق دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، سىزنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن راست بىر ھەمكارلىقىڭىز بولدىمۇ؟
جاۋاب: بىر ئۇيغۇر، بىر شەرقى تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەلۋەتتە بولدى. ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ قادىر خانىمدەك ھەقنى سۆزلەۋاتقان، مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان شەخس بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ئەلۋەتتە شەخسىيەتچىلىك ۋە ۋىجدانسىزلىق ۋە ئىمانسىزلىق بولىدۇ، شۇڭا رابىيە خانىم بىلەن نورمال بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە ئالاقىلاشقانلىقىم، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەمكارلاشقانلىقىم توغرا، ئەمما بۇ ئىشىمدىن ئاپام خەۋەرسىز، ئاپامغا بۇ ئىشلارنى دېيىشىممۇ ئورۇنسىز، شۇڭا خىتاينىڭ مېنىڭ قىلمىشىم سەۋەبلىك ئاپامغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقى، ئۆزىنىڭ باندىت-قاراقچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

4. رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاقىڭىز ۋە ھەمكارلىقىڭىزنى كونكرېتراق ئېيتىشنى خالامسىز؟
جاۋاب: ياق، (بۇنىڭدىن ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن) ياكى: چەتئەلدىكى ئۆزىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئۇنتۇمىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا، مەنمۇ ئەلۋەتتە بىر كىشىلىك ھەمكارلاشتىم، مەسىلەن رابىيە خانىم چاقىرىق قىلغان بارلىق نامايىشلارغا، يىغىنلارغا قېتىلدىم، ئىقتىسادىي ياردەم توپلىغاندا چامىمنىڭ يېتىشىچە بىر كىشىلىك ھەسسە قاتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەرقانداق چاقىرىقى بولسا داۋاملىق تۈردە قېتىلىمەن.

5. ئاپىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمەن، بولۇپمۇ بۇ خەۋەرلەر چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق، بىز ئائىلىدە بەش بالا، باشقا قېرىنداشلىرىممۇ ھەر كۈنى ھال ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئاپام ئۆزىمۇ جانلىق تېتىك ۋە ھەققانىيەتچى ئايال، ئاپامنى بۈگۈنكى بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دەپ قارايمەن ۋە ئاللاھتىن خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.