ئۇيغۇر ياش: «مائاشى يۇقىرى، ئەمما ياردەمچى ساقچى بولغۇمىز يوق!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.11.04
ghulja-saqchi-qobul-qilish-uqturush.jpg غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىگە ئوت ئۆچۈرگۈچى ۋە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئوقتۇرۇشى
RFA/Aziz

ئىنكاسلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن تارتىپ شىمالدا غۇلجا ۋە ئالتايغىچە، جەنۇبتا ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەنگىچە بولغان ھەرقايسى جايلاردىكى خىزمەت ياكى خىزمەتچى ئىزدەش ئېلانلىرى ئىچىدە ياردەمچى ساقچى خىزمىتىگە خادىم قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆزگە چېلىقىدىكەن. بۇ ئېلانلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى سۈپىتىدە ئۇنىڭدىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇ ئېلانلارنى ئوقۇپ چىققاندا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخى ۋە ياش چەكلىمىسى دېگەنلەرگە بەك قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزاسى ياكى ھەربىيلىكتىن كەسپ ئالماشقانلارغا بۇ شەرتلەرنى تېخىمۇ يەڭگىللىتىپ تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بايقاش مۇمكىن.

مۇشۇ خىلدىكى ئېلانلار ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ 3500 سوم بولىدىغانلىقى ئېيتىلىش بىلەن بىرگە، مۇنداق قۇرلارنىڭ بارلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ: «چارلاش - مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتى يېرىم ھەربىي تۈزۈم بۇيىچە باشقۇرىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياتاق ۋە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، فورما شەكلىدىكى كىيىم ۋە ساقچىلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى تارقىتىپ بېرىدۇ؛ ئىش ئورنىدا ئۇدا 2 يىل توشقۇزۇپ خىزمەت قىلىپ، يىللىق باھالاشلاردا لاياقەتلىك بولغانلارنى ئۈرۈمچى نوپۇسىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ؛ بۇ ئىش ئورنىدا ئۇدا 3 يىل ئىشلەپ، يىللىق باھالاشلاردا لاياقەتلىك بولغانلار، شەرتكە ماس كەلسە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەشكىللىگەن كەسپى ئورۇنلاردا شتاتقا كىرگۈزۈش ئېمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.»

بىز بۇ ھەقتە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رايىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشتۇق. بەش بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان روشەنگۈل خانىم بۇيىل 68 ياش بولۇپ، بالىلىرىنىڭ تامامەن ئۆز ئارزۇسى بويىچە كەسپ تاللىغانلىقىنى، ئەگەر يەنە قايتا تاللاشقا توغرا كەلسە، يەنىلا بالىلىرىنىڭ ئۆز تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر غۇلجىدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىدا مۇقىم ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىمجان ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ مائاشى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خېيىم - خەتەر مەۋجۇت دەپ قارىسىمۇ تەقدىرگە تەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقسۇدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەد بۇ يىل 28 ياش بولۇپ، ئۆزىنىڭ خېيىم - خەتەرسىز بىرەر خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭچە مائاشنىڭ يۇقىرى بولغىنىدىن خىزمەتنىڭ خېيىم - خەتەردىن يىراق بولغىنى ئەۋزەلرەك ئىكەن.

بىز ھازىر ئۈرۈمچىدە چارلاش - مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتىگە خادىم قوبۇل قىلىۋاتقان «ئاق تۇلپار» ۋاستىچى شىركىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىم قوبۇل قىلىنغان ياشلارغا ياخشى مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ھازىرغىچە نەچچىلىك كىشىنىڭ تىزىملاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئېلان چىقىرىلغان ئۈچ ئايدىن بېرى پەقەت بىر ياش يىگىتنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز زىيارەت ئاخىرىدا شىخۇدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىدا 21 يىل ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن نۇرمەمەت مۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بېرىۋاتقان نۇرمەمەت ئەپەندى سۆز ئارىلىقىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايلارغا ئالدى بىلەن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، ناۋادا بىرەر بەختسىزلىك يۈز بەرگەن ھالەتتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى كىشىلەر رازى بولغۇدەك بىر تەرەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.