ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.03.31
shi-jinping-namayish-2.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-1.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-3.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-4.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-5.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-6.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-7.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

shi-jinping-namayish-8.jpg

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ۋاشىنگتون.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايغا قارشى گۇرۇھ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان قارشىلىق پائالىيەتلەرگە دۇچ كەلدى.

31-مارت شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاي ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نامايىش داۋامىدا مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەندە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى چىققان. شى جىنپىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى بۇ ئۇچرىشىشىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللار تەھدىتى، يادرو تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.

خىتايغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ قارىشىچە، «بۇ قېتىمقى يىغىن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم پۇرسەت»، شۇڭا ئۇ كېلىشتىن ئىلگىرىلا خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى باشلانغان ئىدى.

د ئۇ ق مۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. دىققەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قانچە كىشىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن مىليونلىغان خەلق كوللېكتىپ جازالانغان. تەڭسىزلىك رايوندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىدىكى نارازىلىقنى كۈچەيتكەن.

د ئۇ ق باياناتىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013‏-يىلى ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشى يادرو بىخەتەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە يادرو قوراللىرى تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى مەقسەت قىلغان يەرشارى خاراكتېرلىك ئۇچرىشىش يىغىنى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ۋاشىنگتون ئېچىلىدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە باشلىقلار ئۇچرىشىشى 2010-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 47 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان. ئەينى چاغدا خۇ جىنتاۋ يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان. يىغىندا ئاساسلىقى تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتى، ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى شۇنداقلا خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ئاخبارات ۋە خىزمەت پىلانى ئېلان قىلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ھەرىكىتى ۋە سىجىل ئۈنۈملۈك خەلقئارا ھەمكارلىق، شۇنداقلا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق، تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتىنى ئازايتىش ۋەدە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.