شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي گۆرۈشنىڭ «قۇرئان داستىخىنى» ناملىق پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.05.09
uygur-maarip-uyushma-omer-donggel-ogli.jpg «قۇرئان داستىخىنى» ناملىق پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە 7-قانالنىڭ دىنىي پروگرامما رىياسەتچىسى ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن. 2016-يىلى 8-ماي، شىۋېتسىيە.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «مىللىي گۆرۈش » تەشكىلاتىنىڭ «قۇرئان داستىخىنى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت 8-ماي كۈنى، سىتوكھولمدىكى «ئەلئەزەر» مەكتىپىنىڭ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 7-قانالنىڭ دىنىي پروگرامما رىياسەتچىسى ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى رامىزان ئۇچار، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن باشچىلىقىدا ھەيئەت ئەزالىرى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتتە ياۋروپادىكى قۇرئان مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن قارىلار قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە «مىللىي گۆرۈش »تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پىقىرلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرى، خىزمەتلىرى فىلىملىك كۆرسىتىلدى.

باش مەركىزى گېرمانىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى ھەر يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دىيارىغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ قۇربانلىق قىلىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قۇربانلىق گۆش تەقسىم قىلىپ كەلمەكتە.

بىز بۇ پائالىيەت ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئانادولى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئاتىللانى، 1-ماي كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، پارتىيە كادىرلىرىنىڭ تويدا نىكاھ ئوقۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالغانلىقىنى بۇ خەۋەرگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بولسا، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىماملارنىڭ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ياۋروپاغا ئوخشاش خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتلەردە بۇنداق بىر بەلگىلىمە تۇرسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇقىغا ۋە باشقا شۇ يەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن بىر ھەرىكەت. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم قىلىش كېرەك.

21-ئەسىردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە، دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھىنى چەكلەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى كۆرمىدۇق. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش بىر بەلگىلىمىسىدۇر. بۇ، ئۇيغۇرلارنى توي قىلما، بالا تاپما، نەسلىڭ قۇرۇپ تۈگىسۇن، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

بىز ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق.

ئەخمەتجان تۇرسۇن پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت داۋامىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن، ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى رامىزان ئۇچار ئەپەندىملەرگە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ باستۇرۇلغان شارپا ھەدىيە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.