2014 - يىلى سىياسىي سەۋەبلەربىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.12.18
kunming-weqesi-qoralliq-saqchi.jpg كۇنمىڭدا خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، باستۇرۇشقا كەلگەن قوراللىق ساقچىلار. 2014-يىلى 1-مارت، كۇنمىڭ.
AFP


2014 - يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 2014 - يىل 25 - ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» دىكى سانلىق مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ، 2014 - يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا پۈتۈن خىتاي دۆلىتى بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى ساقچىلار ھەمكارلىشىپ، جەمىي 4 مىليون 517 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 مىڭ 600 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى چارلاش ئەترىتى خادىملىرىغا ئاچقان يىغىندا ئاشكارىلانغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ئاتالمىش تېررور گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن ۋە ياكى تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىپىنى ئاشكارىلىمىغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2014 - يىلى بىر يىل ئىچىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭدىن ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار مىڭدىن ئاشقان. تۈركۈم - تۈركۈم ئۇيغۇرلار«تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتۇش ئوبىكتى قىلىنغان.

2014 - يىلى 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە تۇتۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئېلىپ بارغان باستۇرۇشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار نىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

1. 17 - يانىۋار ئاقسۇ ئوتتۇرا سوتى كۇچار ناھىيىسىدە 9 ئۇيغۇرغا سىياسىي جىنايەت بىلەن جازا ھۆكۈم قىلدى.

بۇ ئۇيغۇرلار«تېررورلۇق» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، چەتئەلگە قېچىپ جىھات ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشقا ئۇرۇنۇش، قۇتراتقۇلۇق، زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى ۋىدېئولارنى كۆرۈش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن. سوت مەھكىمىسى 17 - يانىۋار چىقارغان ھۆكۈمىدە سۇلايمان ئىسمائىل، ياسىن ئوسمان، ئابدۇرېقىپ ئابلەت، غاپپار ھېمىت، قېيۇم توختى، تۇرغۇن غوپۇر، تۇردى ئوسمان، كېرەم نۇر، ئابدۇرۇسۇل ھەبىبۇللالارنى يۇقىرىقى «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىگەن. سۇلايمان ئىسمائىل، ياسىن ئوسمان ئىككىيلەننىڭ ھەر بىرىنى 15 يىللىق، قالغانلارنى 10 يىللىقتىن قاماققا بۇيرۇغان. سوت مەھكىمىسى يەنە، سۇلايمان ئىسمائىلنىڭ 2006 - يىلى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇل، ياسىن ئابدۇل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى قادىر باقىغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، سوتنىڭ قارارىدا ئابدۇرۇسۇل ئابدۇل بىلەن ياسىن ئابدۇلغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

2. 1 - ئاينىڭ ئاخىرى خوتەن ئىلچى يېزىسىدا ھىجاپلانغان ئاياللار تۇتقۇن قىلىندى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/hijap-ayal-02102014151446.html

2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خوتەن ئىلچى يېزىسىدىكى مەلۇم گۇۋاھچىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەرلىك دائىرىلەر ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى 5 مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلىغان.

3. 1 - ئاينىڭ ئاخىرى ئاقسۇ قارتال يېزىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ياش كەنت سېكرىتارىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى

2014 - يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئاقسۇ قارتال يېزىسى 16 - كەنتىدە كەنت سېكرىتارى جۈمە توختىنىياز ئىككى گۇماندار تەرىپىدىن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن بۇ ئىككى گۇماندار تۇتۇلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە قانداق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنمىدى.

4. 2014 - يىل چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە 11 ئۇيغۇر، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە 9 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda - uyghur - 02042014162123.html

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 4 - فېۋرال رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىن 11 ئۇيغۇرنىڭ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 9 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

5. 14 - فېۋرال 11 ئادەم ئۆلگەن ئۈچتۇرپاندىكى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى 13 ھۇجۇمچىدىن 3 نەپىرى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى، 8 نەپىرى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلدى، بىر نەپىرى تۇتۇلدى. ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.

6. 1 - مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان ئۇيغۇرلار

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/kunming - weqesi - 03052014155404.html

خىتاي دائىرىلىرى 1 - مارت كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى خىتاي يولۇچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن كۇنمىڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا - قويۇق تۇتۇشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا 5 كىشى ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، 4 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 18 ياشقا كىرمىگەن پاتىگۈل توختى تىرىك قولغا چۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5 - مارت چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، 1 - مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 8 ئادەمنىڭ رەسىمى ۋە كىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئابلىمىت تۇرسۇن، بارات ئابدۇخەمىت، ئەلى ئىمىن، ئابدۇۋەلى ئابلىز، ھېپىز مۆمىن، رىشىت مەمەت، سادەت تۇردى قاتارلىقلار. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ 8 گۇماندار ئىلگىرى يۈننەننىڭ خۇڭخې ئوبلاستىغا قاراشلىق شاديەن بازىرىدا ياشىغان ئىكەن.

2014 - يىلى 1 - مارت يۈز بەرگەن كۈنمىڭ ۋوگزالىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان، دەپ قولغا ئېلىنغان مەھكۇملار «تېررورلۇق، قاتىللىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى، 2014 - يىلى 30 - ئىيۇن كۈنى 1 - مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى گۇماندارلىرى ئۈستىدىن 1 - قېتىملىق سوت ئاچقان. 2014 - يىل 9 - دېكابىر جۈمە كۈنى مەھكۇملارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ئۇلاردىن ئىسكەندەر ئەخەت،تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت قاتارلىق 3 كىشىنى ئۆلۈمگە، پاتىگۈل مەمەتنى مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇغان. پاتىگۈل توختى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە تىرىك قولغا چۈشكەن بىردىن - بىر كىشى بولۇپ، دائىرىلەر ھۇجۇمغا قاتناشقان قالغان 4 ئۇيغۇرنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەھكىمە، پاتىگۈل توختى ھامىلىدار بولغاچقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان قالغان 3 كىشى «كۈنمىڭ ۋوگزال ھۇجۇمى» دىن 2 كۈن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 1 - مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان. خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى خەۋەرلەردە پەقەت يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شادەن بازىرىدىكى 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە 31 ئادەم ئۆلگەنلىكى ۋە 141 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

7. 14 - مارت چاڭشا شەھرىدىكى ئادەم چاناش ۋەقەسىدىن كېيىن چاڭشادىكى ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئوبىكتى قىلىندى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/changsha-adem-chanash-03142014232158.html

خىتاي دائىرىلىرى 14 - مارت جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا چاڭشا شەھىرىدىكى ۋۇ جالىڭ كۆكتات بازىرىدا 6 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 4 نەپىرى خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئىككىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ۋەقەدىكى گۇماندارلارنىڭ كۆكتات بازىرىدا ناۋايخانا ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان خېۋىر تۇردى، مەمەت ئابلا قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

بوشۈن تورىنىڭ 14 - مارت كۈنىدىكى رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاڭشادا يۈز بەرگەن ئادەم چاناش ۋەقەسىدىن كېيىن، چاڭشا شەھىرىنى ساقچىلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار يولدا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە، ھەتتا تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

8. 18 مارت ئۈرۈمچىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئۇيغۇر گۇماندار ئىليار رەخمىتۇللا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

18 - مارت ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىسى ئوسمانجان غوجى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى. ۋەقە گۇماندارىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ساقچى ئوسمانجانغا پىچاق تىققان ۋە نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ئىليار رەھمىتۇللا بولۇپ، يۇرتى ئاقسۇدىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.