تۈركىيە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.11.27
taylandtiki-uyghur-musapir.jpg تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار. 2014-يىلى نويابىر، تايلاند.
RFA/Arslan

بۇ يىل مارتتىن بۇيان تايلاندتا قاپسىلىپ قالغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر ھەققىدە غەرب ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ماقالە-چاقىرىقلار ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر، سىياسىي پارتىيەلەر جۈملىدىن سىياسىيونلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن.

«تايلاندتىكى تۈركلەرنىڭ تەقدىرى تۈركىيەگە باغلىق»، «تايلاندتىكى 300 مۇساپىرنىڭ ئوققا تۇتۇلۇش ئېھتىمالى بار» ناملىق ماقالىلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دەل مۇشۇ پەيتلەردە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاندتىكى مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئىنگلىزچە خەۋەر قانىلى_ «قانال 4» تېلېۋىزىيىسىدە تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم تارقىتىلدى.

بۇ فىلىمدا يەنە تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى 9 ئاي ئىلگىرى ئورمانلىقتا ئاچ ۋە ئۇسسۇزلۇق ئىچىدە ئۇچراتقانلىقى، ئەگەر ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئۇچۇر كەڭ تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتىكى 300 مۇساپىرنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

بەزى مەتبۇئاتلار بۇ 300 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بەزى مەتبۇئاتلار ئۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

«قانال 4» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار تۈرمىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىدىن تۈرك بايرىقىنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى تۈركىيەدە ئورۇق تۇغقانلىرى بارلىقىنى تۈركىيەگە قايتىش خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«يېڭى شافاك» گېزىتىنىڭ 25 – نويابىر كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتىكى 300 مۇساپىر تۈركنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى، دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر توسالغۇ چىقمىغان تەقدىردە 300 نەپەر مۇساپىرنىڭ پات ئارىدا تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇ 300 نەپەر مۇساپىرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تايلاند ھۆكۈمىتىدىن بۇ مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«يېڭى شافاك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتاي تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلىدۇ ۋە تارىختا ئىككىنچى بىر «بورالتان پاجىئەسى» يۈز بېرىدۇ.

«بورالتان پاجىئەسى» 1945-يىلى ستالىننىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان 146 ئەزەرى تۈركلىرى تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلەپ قېچىپ كەلگەندە بورالتان قوماندانى بۇ ئەھۋالنى ئەنقەرەگە دوكلات قىلغان ۋە ئەنقەرەدىن ئەزەربەيجانلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېگەن جاۋابنى ئالغان. بۇنىڭ بىلەن بورالتان قوماندانى ئەزەربەيجانلىق تۈركلەرنى رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، رۇس ئەسكەرلىرى ئۇلارنى بۇرالتان كۆۋرۈكىدىلا ئوققا تۇتۇپ شېھىت قىلغان.

تۈركىيە خەلقى ۋە ئالاقىدار كىشىلەر، تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ بېشىغا بورالتايدىكى ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى تايلاندتىكى 300 نەپەر مۇساپىر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يەر يۈزىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە مۇستەقىللىق بولالمىغان تۈرك تۇپراقلىرى بولغان بۇلىسا، ئۇ يەردە چوقۇم زۇلۇم بولىدۇ. بۇ زۇلۇم ئەڭ قايغۇلۇق ۋە ئەڭ شىددەتلىك شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان زېمىنلاردىن بىر شەرقىي تۈركىستاندۇر. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىگە-چاقىسىز قالغان ۋەزىيەتتە، مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش رەئىسىگە، باش مىنىستىرىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خىتاب قىلىمەن. تايلاندتا پاناھلانغان 300 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركىيەگە ئەكېلىنمەي خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئىككى قولۇم بىلەن ياقاڭلارغا ئېسىلىمەن! بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! 300 مىڭلىغان ئىنسانلارنى سوئال – سوراقسىز جەنۇبىي چېگرادىن ۋەتىنىمىز تۈركىيەگە قوبۇل قىلىۋاتقان پەيتتە 300 نەپەر بىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى زالىم خىتاينىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويساڭلار بۇنىڭ ھېسابىنى ھەر ئىككى دۇنيادا بېرەلمەيسىلەر، بۇ مەسىلىنى مېنىڭ يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى سورايمەن.

بۈگۈن يەنە تۈركىيەنىڭ «خەۋەر7» تور گېزىتىدە، «باش مىنىستىر 300 مۇساپىرنى ئوققا تۇتقۇزمىدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە يازغۇچى سەركان ئۇستۈنئەر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھايات ياشاش چەكلەنگەن بىردىن بىر رايون. ئەگەر سىزنىڭ ئەسلىڭىز تۈرك بولسا دۇنيادا سىزنى قوللايدىغان يالغۇز بىرلا دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە. ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان بولسىڭىز نەپەس ئېلىشمۇ سىزنى تېررورچى ۋە جىنايەتچى بولۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

سەركان ئۈستۈنئەر ماقالىدا يەنە تايلاندتىكى 300 نەپەر مۇساپىرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: تايلاندتا 300 مۇساپىرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن بىۋاسىتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بىر قانچە ئەمەلدارلار بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلەشتىم، ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىر مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە كېرەكلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەرنى ئىشقا سېلىشقا قەدەم باسقان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى سۈرىيە چېگراسىغا يېقىن رايونى بولغان شانلىئۇرفادىكى مۇساپىرلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 300 نەپەر مۇساپىر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تايلاندتىن رەسمىي تەلەپ قىلدۇق، دېدى.

تۈركىيە «ساباھ» گېزىتىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيە تەرەپكە تېخى جاۋاب بەرمىگەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئۆتكەن ئاي نيۇ-يوركتىكى بىر يىغىندا، تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئافغانىستان توغرىسىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە نۆۋەتتە تايلاندتىكى مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە ئەكېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى باسقان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىيە يوللار ئارقىلىق سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.