خىتاينىڭ «سۈنئىي ئەقىل» ئارقىلىق تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش پىلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە مەخسۇس ئارخىپتا ساقلىنىدىغان جەدۋەل.
نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە مەخسۇس ئارخىپتا ساقلىنىدىغان جەدۋەل.
Social Media

سۈنئىي ئەقىل ياكى يۇقىرى تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئارقىلىق تېررورلۇق ۋە ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مەزكۇر پىكىرنى بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن. مېڭ جيەنجۇ 19-سېنتەبىر خىتاي خەۋپسىزلىك سىستېمىسى بويىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىنىدا بۇ پىكىرنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خوڭكوڭ ئاخباراتى ۋە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل پروگراممىنى ياساپ چىقىشنى خىتاي ئېلېكترونلۇق تېخنولوگىيە شىركىتىگە تاپشۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەزكۇر پروگراممىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۈز تونۇش سانلىق ئامبىرى قۇرۇشنى پىلانلاپ، بۇنى شاڭخەيدىكى بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن. بۇ شىركەت ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كامېرا ئارقىلىق يۈز تونۇشنى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان. ئۇ بۇ خىل بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى مەزكۇر رايوننىڭ يېزا-كەنتلەردىكى نۇقتىلىق ئائىلىلەر ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قەدەر ئورۇنلاشتۇرغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى‏» گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ھازىر بۇ پروگراممىنى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق بىردەك كونترول قىلىشنى پىلانلىماقتىكەن. خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان ھەرقانداق شەخسنى 3 سېكۇنت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىشىنى، ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى 90 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مېڭ جيەنجۇ بۇ يىل 19‏-سېنتەبىر بېيجىڭدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «سۈنئىي ئەقىلنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ئىنسانلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ قىياس قىلىش، توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتىدىكى ئۈنۈمدارلىقنى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇچۇر تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا چوڭ سانلىق ئامبار ئارقىلىق توپلىغان ئۇچۇرلارغا قاراپ كىشىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا مۇتەخەسسىسى قابىل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ھەممىسى بىر ئانالىز. بۇرۇن ئەۋرىشكە تاللاپ، شۇنى تەتقىق قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ، دېگەن نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىدىغان. بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى مۇنچە دەپ. لېكىن ھازىر قىلىۋاتقان نەرسە نېمە دېگەندە، ئەۋرىشكە ئېلىپ ئەمەس، تولۇق سانلىق ئامبارنى ئىشلىتىپ، شۇ بويىچە تەھلىل قىلىش. خىتاينىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقىنى شۇ. مۇمكىن بولغان سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىنى يىغىش، شۇنىڭغا ئاساسەن خۇلاسە چىقىرىش.»

لېكىن ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پەرەزنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئادىل بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدىكەن. قابىل ئەپەندى، ئادىللىق بىلەن توغرىلىق دەرىجىسى پەرقلىق ئىككى خىل ئۇقۇم، دەپ كۆرسەتتى.

قابىل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سەن ئۆزۈڭنىڭ شۇ ئۇچۇرلىرىغا قاراپ قىلىۋاتىسەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن. خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى شۇ ھازىر، بۇ پالانى ۋاقتىدا مۇنداق ئىش قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم مۇنداق ئىش قىلىدۇ، دەپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئادەملەرنى تۇتۇۋاتىدۇ. بۇ كومپيۇتېر پەقەت ساڭا بىر سانلىق شەكىلنى چىقىرىپ بېرىدۇ. چۈنكى سەن ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللايسەن. شۇڭا بۇ خىتايلارنىڭ قىلىۋاتقىنى نېمە دېسە، ئالدى بىلەن مەلۇم شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇچۇر توپلايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار چەتئەلگە قانداق چىققان، بۇلار تۈركىيە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانلارغا بارغان بولسا، بۇلار رادىكال دەيدىغان بەلگە قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ بۇنى ئۇقمايدۇ. بۇنى ئالدىنالا قۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى شۇنىڭغا كىرگۈزىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا خاتالىقنىڭ چىقىشى ھەددىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداق بولغاچقا بۇ خەتەرلىك.»

بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى خىتايدا خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ پروگراممىنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل بىر مېخانىزم يوق ئىكەن.

«خەتەرلىك ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش دۆلەتلەردە سىز ھۆكۈمەت، ساقچى ئەمەلدارى ياكى بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايسىز. بۇ دۆلەتلەردە مەسىلىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. سىز خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قولدىكى ھەرقانداق يېڭى تېخنىكىنى سۇيىئىستېمال قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز. مانا بۇ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى بىر زور مەسىلە. چۈنكى ئۇلاردا ئەسلىھە كونتروللۇقى يوق، سىياسەتچىلەرنىڭ كونتروللۇقى يوق، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتمەيسىز. بۇ ئەھۋالدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.»

لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر خىتاينىڭ ئەدلىيە، سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا سۈنئىي ئەقىل ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ-كۆلەملىك ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12‏‏-ئۆكتەبىر خەۋىرىدە، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىشى ئادالەتنى ئالغا سۈرىدۇ» دېيىلگەن.

لېكىن دېلىئۇس ئەپەندى، ئەگەر خىتايدا سوت، ئەدلىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى ھېچكىم نازارەت قىلالمىغان ئەھۋالدا، يېڭى تېخنىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئادالەتسىزلىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دېموكراتىك دۆلەتلەردە بارلىق ھەرىكەتلەر دائىرىلەر، سىياسەتچىلەر، ئاۋام خەلق، ئاخبارات تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق خىتايدا بۇ خىل كونتروللۇق يوق. نورمال پۇقرالارنىڭ دائىرىلەرگە ئەرز-شىكايەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەرزى-شىكايىتىگە جاۋاب ئېلىش پۇرسىتى يوق. بىز ھەر يىلى خىتايدا مىڭلىغان ئەرز-شىكايەتچىنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. گەرچە خىتايدا ئەرز- شىكايەتچىلەر دائىم تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىپ ياكى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلىپ، ئېغىر يەكلەشكە ئۇچرىسىمۇ، بىراق ئەرز-شىكايەت ئادالەت تەلەپ قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ قالغانلىقىغا شاھىت بولۇپ كەلدۇق.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت