ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى يېڭى ۋاسىتە - «تور تازىلىغۇچى» رەسمىي تارقىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.21
Yanfon-Tekshurush.JPG شەھەر پۇقرالىرىنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرىۋاتقان ساقچىلار. ئۈرۈمچى. 2017-يىلى ئىيۇل.
Social Media

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز تېلېفونلىرىغا «تور تازىلىغۇچى» نامىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال يانفونغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، شۇ تېلېفوندىن ئۆتكەن «تېررورلۇق» بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى بايقىيالايدىكەن ھەمدە ئاپتوماتىك ئۆچۈرەلەيدىكەن. مەزكۇر تەدبىر يېڭىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئومۇملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق ئاھالىلەر رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تارقاتقان تېكىستلىك ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭدا، يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال ئۆز تېلېفونلىرىغا «تور تازىلىغۇچى» (净网卫士) نامىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەقتىكى يازما ئۇقتۇرۇشلار ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا يەتكۈزۈلگەن ھەمدە شۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئائىلىلەرگە ئۇقتۇرۇلغان. 

بىز بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق ئىتتىپاق ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى:

- ۋەي، بۇ ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ؟

- شۇنداق.

- مەن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دېگەن. سىلەرنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر بىر يانفون ئابونتى چوقۇم «تور تازىلىغۇچى» دېگەن بىر يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىش لازىم دەپتۇ. سىلەردە مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بارمۇ؟

- قايسى ئورۇن تارقاتقان، قانداق ھۆججەتنى دەيسىز؟

- دېمەكچى بولغىنىم ، سىلەرنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى ھەممەيلەننىڭ يانفونلىرىغا "تور تازىلىغۇچى" دېگەن بىر نەرسىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانىكەن.

- ھېلىقى يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىپ، سىكەنىرلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشمۇ؟

- توغرا، توغرا. مەن شۇنى دەۋاتىمەن. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ رولى نېمە؟

- ئۇ سىكەنىرلەش ئارقىلىق سىزنىڭ يانفونىڭىزدا توردىن كەلگەن نەرسىلەر ياكى سىزنىڭ ھېلىقىدەك تېررورلۇق، زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىڭىزنى تەكشۈرەيدىغان نەرسە.

- ھە. مۇنداق دەڭ. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېگەندە نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

- ئاساسلىقى سىزنىڭ تېلېفوندا ئاشۇ مەزمۇندىكى سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىڭىزنى، شۇنداق ماتېرىياللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى، باشقىلارنىڭ سىزگە ئاشۇنداق نەرسىلەرنى ئەۋەتكەن ياكى ئەۋەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرەيدۇ.

ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلاردا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدىن مۇشۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەرقاچان ئاۋۋال خىتايچىسى، ئاندىن ئۇيغۇرچىسى بېرىلىدىغان يازما ئۇقتۇرۇش شەكلىنىڭ ئەكسىچە، بۇ قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ ئاۋۋال بېرىلگەنلىكى بولغان. 

بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك غالىبىيەت يولى ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈردۇق:

- يېقىندا سىلەرنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى بىر يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاھالىلەردىن يانفوندىكى تېررورلۇق ياكى زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى نەرسىلەرنى تازىلايدىغان «تور تازىلىغۇچى» دېگەن بىر يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپسىلەر. مۇشۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

- مەن بەك ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن. ئەمما يۇقىرىدىن شۇنداق بىر ھۆججەت چۈشتى. 

- ھۆججەتتە ئۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئالغان؟

- «تور تازىلىغۇچى».

- ھە، «تور تازىلىغۇچى» دەڭ. ئۇنى ئاساسلىقى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

- بۇنى ئانچە بىلىپ كەتمىدىم. بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار دېيىشىمنىڭ بىر سەۋەبى، تۈنۈگۈن ماشىنىدا كېلىۋاتسام، ساقچىلار يانفونىمدا ئاشۇ دېتالنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈردى. بىز ھەردائىم شۇنداق، ھەرقاچان مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى ئورنىتىڭلار، دەپ تۇرىدۇ.

- ئۇنداقتا، ئاشۇنىڭ «تور تازىلىغۇچى» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟

- شۇنداق، «تور تازىلىغۇچى». راستىنىلا شۇنداق بىر دېتال بار. بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار.

- بۇنى نېمىشقا سورايسەن، دېسىڭىز، ھازىر بۇنداق دېتاللار بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا بۇنى ئورناتمىسىمۇ بولامدىغاندۇ، دەيمەن.

- مېنىڭچە، ئەڭ ياخشىسى ئورنىتىۋېلىڭ. چۈنكى، سىرتقا چىقىپ ماشىنىدا ياكى پىيادە ماڭغان ۋاقىتلىرىڭىزدا تەكشۈرگۈچىلەر، ساقچىلار ھەرقاچان ئاشۇ دېتالنىڭ يانفونىڭىزدا بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرەيدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ھازىر تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق رولى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىز مەزكۇر «تور تازىلىغۇچى» يۇمشاق دېتالىنى ياسىغان زاۋۇتنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەمما ئۇنىڭدا دېيىلگەن مەزمۇنلار پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلەر ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سېرىق مەزمۇندىكى تورلارنى زىيارەت قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ياسالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بۇنى يانفونىغا ئورناتقان كىشىنىڭ ئۆيىدىكى تورنى يىراقتىن كونترول قىلىشقا بولىدىكەن. بىز بۇ خىل ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقتۇق:

- ھازىر ئاھالىلەردىن بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىۋېتىپسىلەر. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت نېمە؟

- بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت، شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار باشقا نەرسىلەر بارمۇ-يوق، دېگەننى تەكشۈرۈش. 

- ئۇنداقتا يانفوننىڭ ئىگىسى ئىلگىرى ساقلىۋالغان مۇشۇنداق تېررورلۇققا دائىر ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى يۇيۇۋەتكەن بولسا، بۇ دېتال ئۇنى بىلەلەمدۇ؟

- بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆچۈرۈۋەتكەندە ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈلگەنمۇ-يوق، دېگەنگە قاراش كېرەك. شۇڭا بۇنى ئورناتقاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈۋېتىش كېرەك. بولۇپمۇ ئۆچۈرۈش تارىخى يانفوندا ساقلىنىپ قالغانمۇ ‏- يوق دېگەنگە چوقۇم قاراش لازىم.

- ئۇنداقتا بۇ ھۆججەتنى سىلەرنىڭ رايون تارقاتقانمۇ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھۆججىتىمۇ؟

- بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئومۇمىي ھۆججەت.

- ئۇنداقتا بۇنى ئورنىتىش قاچان تاماملىنىدۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم ئاھالىلەر بۇنى ئورناتمىسىمۇ بولامدۇ؟

- ھازىر دېگەن بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچى. شۇڭا بۇنى ھازىرلا ئورنىتىۋېلىش لازىم. شۇڭا ئورنىتىڭلار دېگەندىكىن ئورنىتىۋالماي نېمە قىلىدۇ؟

بۇ قېتىم «تور تازىلىغۇچى» ناملىق يۇمشاق دېتالنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، خىزمەتچى خادىم بۇ دېتالنى ئورناتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ تېلېفوندىكى ھۆكۈمەت تەرەپ «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق» قا مەنسۇپ دەپ بېكىتكەن ھەرقانداق مەزمۇننى ئاپتوماتىك تازىلىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك تېلېفونغا ئورنىتىلغان باشقا ئەپلەرنىڭ ۋاسىتىسىدە كىرگەن-چىققان ئۈن ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يۇمشاق دېتال ئاساسلىقى تېلېفوندا يوشۇرۇن ھالەتتە ساقلىنىۋاتقان ياكى تېلېفون ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېلېفون ئىشلىتىشى تۈپەيلىدىن ياكى دىققەتسىزلىكى سەۋەبىدىن تېلېفوندا ساقلىنىپ قالغان قانۇنسىز رەسىم ياكى سىن ماتېرىياللىرىنى تازىلايدۇ. ھازىر بولسا ھەممەيلەننىڭ بۇ دېتالنى ئۆزلۈكىدىن قاچىلاش مەزگىلى. مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە بۇ دېتال مەنئى قىلىنغان قانۇنسىز ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما، يانفوندىكى باشقا مەزمۇنلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ھازىر تورنىڭ ھەرقاچان نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىسىز. خۇددى شۇنىڭدەك تېلېفونىڭىزدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى سىز شەخسەن ھەرقاچان ئۇقۇپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما مۇشۇ دېتال بۇنى سىزگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ بېرىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ يانفونىڭىزغا مۇشۇ دېتالنى ئورناتقاندىن كېيىن ئۇ تېلېفونىڭىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتسە ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىخانىلاردىكىلەر سىزنى بۇ توغرىلىق ئىزدەپ كېلىپ قالسا، ئۇلارغا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇلارغا ئاشۇ مەزمۇنلارنىڭ سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا تېلېفونىڭىزغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ‹تور تازىلىغۇچى› ئارقىلىق بۇنى ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىڭىزنى، دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.»

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغىنىغا ئون كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئايان بولدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ نازۇك سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق» دائىرىسىدىكى مەزمۇنلار بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەرقاچان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.