«ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر» ھەققىدىكى يىغىن باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.04.14
insaniyetke-qarshi-otkuzulgen-jinayetler.jpg «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە سۈكۈت: ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 14-ئاپرېل، ميۇنخېن.
RFA/Erkin Tarim

«ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە سۈكۈت: ئىز- دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق يىغىن 14-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نامىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ نۇتقىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھمىتىنى ئېيتقاندىن كېيىن، 7 يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ھەر خىل مەزمۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى قىلىنىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە «خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە دېموكراتىيەلىك يول بىلەن نارازىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئارقىدىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باشلىقى مارىنو بۇستاچىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئۆز نۇتقىدا ئالدى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مۇدىرى ئۇلرىخ دەلىئۇس ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بەلكى بەزى ئۇيغۇرلار ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئۈمىدسىز. ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلاتتىڭلار، شەرقىي تۈركىستاندا بىر ۋەقە بولسا سىلەر بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېسەڭلار خىتاي دەرھال سىلەرگە جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. دېمەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىزمۇ دۇنياغا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلارنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇنىڭغا ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتتۇق، يېقىندا خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى دېيىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇمۇ قوبۇل قىلدى. خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى تۇتۇپ كېتىشى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي كېيىنكى 15 يىلدا زوراۋان دۆلەتكە ئايلاندى، خىتاينى ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. سىلەر ئۇيغۇرلار بۇنداق بىر زوراۋان دۆلەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر، شۇڭا ياخشى پىلانلىق پائالىيەت قىلىشىڭلار كېرەك.»

ئارقىدىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لويىسا كوئان گرېۋە خانىم سۆز قىلدى. ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ن ئە د نىڭ د ئۇ ق قا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتىكى مەقسىتى، تور بېتىمىزدىمۇ كۆرسىتىلگەندەك ئۇيغۇرلارنى دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيمىز. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. بىز پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇر دەۋاسىدا ھازىر دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئالىدىغان دەرىجىگە يەتتى.»

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«سىلەر 3 مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردۈڭلار. بۇلار:

  1. سىلەر پاكىت بىلەن گەپ قىلىدىغان بولدۇڭلار.
  2. تەلىپىڭلار رېئال مەنتىقلىق.
  3. سىلەر غەربلىكلەرمۇ خىتايدىن سىلەر ئۈچۈن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا غەرب دۆلەتلىرى سىلەرنى قوللاۋاتىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى ھەقلىق بىر دەۋا، شۇڭا ھەممە ئىنسانلارنى جەلپ قىلالايدىغان بىر نەزەرىيە بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىشى پەقەتلا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، كەلگۈسىدە سىياسىي بىر ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرلاردا دىكتاتور بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لازىم».

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە سۈكۈت: ئىز- دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ بىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەسلى سەۋەبى چوڭ خىتاي مىللىتىنى يارىتىش سىياسىتى. مانجۇلارنى يوقاتتى، مانجۇ مەسىلىسىنى يوق بولدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى يوق قىلماقچى. ئۆز تىلىنى، دىنىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قالىمىز دەۋاتقان ئۇيغۇرلار ھازىر جېنىنى تىكىپ قويۇپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىنى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىشىمىز كېرەك.»

يىغىنغا 15 دۆلەتتىن 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا. مەزكۇر يىغىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 16-ئاپرېلغىچە داۋام قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.