خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتا قاتتىق نازارەتنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.11.09
wechat-undidar-305.jpg مەلۇم ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىنىڭ تېلېفونىدا ئۈندىدار ئەپىنى قوزغىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 12-مارت، شەندۇڭ.
AFP

خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۈندىدار، مىكروبلوگ قاتارلىق ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرى تەييارلاش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش قاتارلىقلارنى سادىر قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغان يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى كۆرىدىكەن. دائىرىلەر رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا بەلگىلەپ ئېلان قىلغان بۇ يەرلىك مىزاننى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دەرھال جىددىيلىك پەيدا قىلغاندىن باشقا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر، ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشىنى كۈچەيتتى.

مىكرو بلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىنتېرنېت تورى ھەمتۈرتكە سۈپىسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە ئېلېكترونلۇق كەسپ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. كۆپ مەنبەلەشكەن توردا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن، جەمئىيەت بىلەن بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ يۈز تۇرانە ۋە قۇلاي بولدى. ئىغۋا توقۇماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق مىزان. ھالبۇكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىك مەسىلىلىرى ۋە تور كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدىنلا ئىنتېرنېت تور ئەركىنلىكىنى تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن توسۇپ كېلىۋاتقان خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ، ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىياتىغا قارشى تېخنىكا ۋە قانۇن ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا 5 خىل يېڭى جىنايەت تۈرىنى قوشقان. يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئاپەت ۋە باشقا زور ۋەقەلەردە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، تېررورلۇققا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر رەسمىي جىنايى قىلمىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.

قانۇن لايىھىسى 1‏-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقە تورىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار بۇنىڭغا ماس ھالدا توردىكى ئىغۋا ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چەكلەپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى پاش قىلىش مەخسۇس رايونى، ئاشكارا پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتكەن ھەمدە زەربە بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئېغىر بولغاندا 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىگىلىگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا ھەر قايسى جايلىرىدا، ئىنتېرنېت ۋە سىمسىز تېلېفون ئابۇنتلىرىنىڭ جەزمەن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ،مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغۇچى شەخسلەر كىملىك ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئاساس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ تېلېفون نومۇرىنى قايتا تىزىملىتىش، ئابۇنىتچى ئورۇن بولسا، تەشكىلىي ئاپپارات كود گۇۋاھنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاساس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشقا باشلىغان. بۇمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتا يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئەسلىدىنلا پىكىر ئەركىنلىكى، تور ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر ۋە ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خوتەندىكى مەلۇم ساقچىخانىغا قاراتقان زىيارىتىمىزگە جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزا تور باشقۇرۇش مىزانلىرىنى بېكىتىپ، قىسمەن كىشىلەر ئالاقە تورىدا ئىغۋا توقۇپ ۋە تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى مەسىلىلەرگە خاتا ھۆكۈم قىلىشقا قۇترىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن قاتتىق جازالاپ كەلدى. دائىرىلەر بۇنى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك ساقلاش، ئىغۋا تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تور ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانۇن ئورگانلىرى توردا ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا تېگىشلىك جازا بەردى» دەپ كۆرسەتسە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بولسا، خىتاينى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىزلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 1-نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان چارىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە تارقىتىشتەك پىكىر ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىش ياكى ساقلاش جىنايەتلىرىنى ئارتىپ قانۇنسىز، قاتتىق جازالاشنى توختىتىشقا ۋە ئەگەر خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇچۇر ئالاقە باشقۇرۇش قانۇنى ئادىل، ھەققانىي بولسا، جازالىغانلارنىڭ مىللىي سالاھىيىتىگە دائىر مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات، ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي، خەلقئارا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ بۇ يىللىق ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەممىدىن قاتتىق بوغۇلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە يەنە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى.

5-نويابىر «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توردا پىكىر قىلىشنى جىنايى قىلمىشلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى، تور خىتاي خەلقىنىڭ نىسبەتەن ئەركىن پىكىر بايان قىلالايدىغان يېگانە قانىلى» دېگەن ئىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىمى سوفىي رىچارسون: «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تورداشلارنى جازالايدىغان يەنە بىر كۈچلۈك قورالغا ئىگە قىلدى» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.