خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-05-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
Yomiuri of AFP

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16‏-ئاپرېل خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا كەڭ كۆلەملىك DNA ئەۋرىشكىسى يىغىشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ 2016-يىلى سېنتەبىردە ئىككى قېتىم ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليونلۇق DNA ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىش ۋە رەتلەش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، سېتىۋېلىنغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىچىدە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابىدىن باشقا ئاۋاز خاتىرىلەش، 3 ئۆلچەملىك پورتېرىت سىزىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش مەشغۇلاتىنىڭ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، خوڭكوڭدا، ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ گېزىت-ژۇرنال، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ 16‏-ئاپرېلدىكى سانلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»، خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق بۇ گېزىت-ژۇرنال ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ باسقان.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش پىلانى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىكى سەۋەب، بۇ پىلاننىڭ پۈتۈن بىر مىللەتنى ياكى پۈتۈن بىر ئىجتىمائىي توپنى نىشانغا ئېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى سوئال، بۇ مەسىلە بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار شەخسى مەسىلە ئەمەس ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ جازالىنىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ، پۈتۈن بىر مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە. DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش مەسىلىسى خىتايدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جازانىڭ كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقىنى پۈتۈن بىر مىللەتنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ نەرسە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى گۇمانلىق، دەپ قاراشتەك مەنتىقىنىڭ مەھسۇلى.»

بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەلۇم بىر مىللەتنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ئىرقچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ۋېى جىڭشىڭ، بۇنىڭ 2‏-ئۇرۇشىدىكى فاشىستلارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، ئىرقچىلىققا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بۇ قىلمىش كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. سەن ئەگەر ئىلمىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ھەممە دۆلەت بۇنى قىلىدۇ. بىراق، بۇ دۆلەتلەر پۈتۈنلەي كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىيلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قان تىپىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ باشقا بىر ئىش، بۇ ئىلمىي تەتقىقات. بىراق ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى، بۇ پۈتۈن خەلقنى گۇماندار ئورنىغا قويغانلىقتۇر.»

ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى، شۈبھىسىزكى، ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئەمەس. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بەك ھەددىدىن ئاشقانلىق. بۇ ئىلمىي تەتقىقات دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەن. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ‹تېررورچىلار›، دىنىي رادىكاللارنى ئايرىش دېسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى مەقسىتى پەن تەتقىقاتى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش. بۇنىڭغا غەرب ئەللىرىدە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنى بار. بۇ قانۇنلار بىر ئاز پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئومۇمى پرىنسىپ DNA ئەۋرىشكىسى ئىختىيارىي يىغىلىدۇ ۋە مەخپىيەتلىك ساقلىنىدۇ. ئىككىنچى، سېنىڭ تەتقىقاتىڭ ئىرقچىلىق ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلماسلىقى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەۋرىشكە يىغىش ھەرىكىتى بۇ پرىنسىپلارغا خىلاپ.»

بىراق ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدا DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش مەسىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئەڭ چوڭ مەسىلە، ئۇلار بۇ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، نېمە ئىشقا ئىشلىتىدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقدۇر. ئوتتۇرا ياۋروپا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن DNA توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىگە ئەگىشىپ، بىزدىمۇ دائىم DNA توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك بەس-مۇنازىرە يۈز بېرىپ، كىملەر DNA سانلىق ئامبىرىغا كىرەلەيدۇ، پۇقرالارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇ مۇنازىرە خىتايدا بولۇپ باقمىدى. چۈنكى، خىتايدا دېموكراتىيە يوق. پۇقرالار DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرەلمەيدۇ. خىتايدا سىز DNA ئەۋرىشكىڭىزنىڭ توغرا يولغا ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز.»

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16‏-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ سېتىۋالغان DNA ئەسۋابلىرىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق ئىشقا سېلىنسا، ھەر كۈنى 10 مىڭ، بىر يىلدا بىر قانچە مىليون DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش مۇمكىنكەن.

بېلگىيە لېئۇۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن ئىلمىي تەتقىقاتچىسى يۋېس مورېئائۇ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرى سېتىۋالغان ئەسۋابلارنىڭ كۆلىمى «دائىرىلەر مەزكۇر رايوندا زور كۆلەملىك DNA ئامبىرى ياكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئامبىرىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتامدۇ، دېگەن ھەقلىق ئەندىشىنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت