ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتىغا قىلغان شىكايىتى ساقچىلارنى ئەنسىرەتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.08.09
Urumqi-dong-kowruk-ishsiz-Uyghurlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA File

ئۇيغۇر ئېلىدا 90 - يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش شامىلىدا، خىزمەت شىتاتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش،ئەمما دەم ئېلىش مائاشىنى ئېلىش شەرتى بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بىر ئۇيغۇر ئىشچى، ۋەدە قىلىنغان دەم ئېلىش مائاشىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇن يىل ئەرز قىلغان.

يېقىندا بۇ كىشى ئۆز ئەھۋالىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، ناھىيىدىكى ساقچىلار تۇيۇقسىز ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەگەر چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىسا ۋە قايتا ئەرز قىلماسلىققا ماقۇل بولسىلا، ئۇنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئەرزىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى كەينىگە سوزۇپ كەلگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئېرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە بۇ ئائىلىگە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپى ۋە ئەرز - شىكايىتى بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئېرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. بۇ خانىمنىڭ ئېرى ساقچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەرز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان جاي تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەل مۇخبىرىغا بېشىغا كەلگەن كۈپلەتلەرنى دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇن دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار قايتىپ كەتكەن. ئەمما ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار بۇ ئۆيگە «ھال سوراش» نامىدا يەنە يېتىپ كەلگەن. ساقچىلار «سۆھبەت» جەريانىدا، ئەگەر بۇ ئائىلە چەتئەل مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىققا ماقۇل بولسىلا، ياشانغان بۇ بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقى ۋە تەلىپىنى ھۆكۈمەت ئۆزى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئاپتوبۇس كالونىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىللىرى ئاپتوبۇس كالونى باشلىقلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىزمەت شىتاتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئەمما دەم ئېلىش مائاشىنى بېرىش شەرتى بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش توختامىغا قول قويغانلىقىنى، لېكىن ئوخشاش توختامغا قول قويغان خىتاي ئىشچىلىرى دەم ئېلىش مائاشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئەينى يىللىرى بۇ توختامغا قول قويغان ئۆزى ۋە باشقا بىرقانچە ئۇيغۇر ئىشچىلارنى نارازى قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

بۇ كىشى ئەينى چاغدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ناھەقچىلىق ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەرزىنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق جاينى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خانىم بايانىدا، بۇ ئائىلىنىڭ بۇ يىللاردا يولۇققان قىسمەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە قېرىنداشلىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ شۇ رايون تەۋەسىدە نۇقتىلىق نازارەت ئوبىكتىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يۇرت ئەھلى بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىپ، ياشانغان مەزگىلىدە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن ئازاپلارنى چېكىشكە مەجبۇر قىلغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، بۇ قېتىم تۇيۇقسىز ئۇلارغا «كۆڭۈل بۆلۈپ»، ئۇلارنىڭ قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا «ۋەدە بېرىشى»گە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا بۇنداق ۋەدىلەرنى بېرىشى، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ يۈز - ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا بۇ خانىم يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگو قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جۇڭگو پۇقرالىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھەق - ھوقۇق ۋە ئىززەت - نەپسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاددى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن«جۇڭگودا قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم بارابەر»، «ھەر مىللەت ئاممىسى ئوخشاش قانۇنىي ھەق - ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.