سابىق كەنت سېكرېتارى ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ «سىرلىق ئۆلۈمى» گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.03.20
uyghur-saqal-305 مەسجىتتىكى ئۇيغۇرلار 15-ئۆتەبىر 2006 قەشقەر
AFP

ئابابەكرى سايىت نىياز 2015‏-يىلى 8‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا ياكى 2017‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئائىلىسى تۇرۇشلۇق پوسكام ناھىيە ئەگرىتېرەك كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار يەرلىك كادىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋاپات بولغان.

ئۇنىڭ كونكرېت قولغا ئېلىنىش سەۋەبى، نېمىشقا دائىرىلەرنىڭ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنى تۇيۇقسىز كەنت ياچېيكىسىغا كېپىللىككە بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.
پوسكام بازىرىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر خادىم، مەرھۇمنىڭ تۈرمىدىن چىقىپلا ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈپ كېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق، لېكىن بۆلەك ئىشلىرىنى ئۇقمايدىكەنمىز. بىرەر ئاي بولدىغۇ، دەيمەن. نېمە دېدىلا ئىسمىنى، سايىتنىياز؟ بۇرۇن سېكرېتار بولغان ئادەم. ھەئە، ئىككى ئايدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. تۈرمىدىن چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلام ئۆلۈپ كېتىپتۇمىش، دەيدۇ».

مۇخبىر: «نېمە كېسەلكەن، بىلدىڭىزمۇ كېسىلىنى؟»
ئۇيغۇر خادىم: «ياق؟ نېمە سەۋەبلىكى، نېرى-بېرىسىنى بىلمەيدىكەنمىز. بىزمۇ يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن، بۇ يەرگە كەلگىلىمۇ 2-3 ئاي بولدى. نېرى-بېرىسىنى ئۇقمايدىكەنمىز».

مۇخبىر: «بالىلىرى بارمىدى ئۇ ئادەمنىڭ؟»
ئۇيغۇر خادىم: «بالىسى بار ئىدى. مەن بىر ئوغلىنى بىلىمەن. قالغىنى بىلمەيمەن. ئابدۇراخمان دەمدۇ بىر ئوغلىنى بىلىمەن. سايىت نىيازنىڭ يېشى شۇ 50-60 لاردا بولسا كېرەك. مەن بۇرۇن كۆرگەن ئۇ ئادەمنى، بۇرۇن كەنتكە سېكرېتار بولغان».

بىز يەنە گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانا ۋە ئەگرىتېرەك ئامانلىق خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

گۆلباغ ساقچىخانىسىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا ئاشۇ دادۈينىڭ ساقچىسىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلساق بولاتتى. مەن ئەھۋالنى تازا ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن. ئاشۇ يەرنىڭ ساقچىسىدىن سورىساق، ئاشۇلار ئۇزۇن مەزگىل شۇ يەردە ئىشلىگەندىن كېيىن شۇلار ئوبدان بىلەتتى. مەن بۇ ساقچىخانىغا چىققىلى 4-5 ئاي بولدى. مەن ئۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق ئۇقمايمەن»

مۇخبىر: «ئۇ ئادەم (2016) ‏12‏-ئايدا ۋاپات بولغان. سىلەرنىڭ ئارخىپىڭلاردا باردۇ، بۇ ئادەمنىڭ تىزىملىكى؟»
نۆۋەتچى: «ھەئە، شۇنداق. ئەمدى شۇنىڭ ئەھۋالىنى ماۋۇ بىزنىڭ ساقچىخانىدىكى باشلىقلار ياخشى بىلىدۇ. ئاشۇ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەن راست ياخشى ئۇقمايمەن».

ئابابەكرى سايىت نىيازنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار، ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى «قويۇق دىنىي كەيپىيات» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر يەرلىك كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ ئائىلىسى «دىنىي كەيپىياتى قويۇق بىر ئائىلە» بولۇپ، ئۇلار شۇ يېزىدىكى نۇقتىلىق نوپۇس، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ كادىر رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، مەرھۇمنىڭ 3 ئوغلى، 4 قىزى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى مۇتەللىپ ئابابەكرىنىڭ 2014‏-يىلى «ھىجرەتچى» دەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا «بەك ئىسسىق مۇئامىلە»قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يەرلىك كادىر يەنە، ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ قانداق ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 60 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى ئابابەكرى سايىتنىياز كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن كۈنى تۈرمىگە ئەگرىتېرەك پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ئالغىنى بارغان.

كەنت سېكرېتارى ئۇنى ئالغىنى بارغاندا، «بۇرۇن قەددى-قامىتى خېلى بەستلىك كەلگەن ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ «ئورۇقلاپ، بىر تېرە-بىر ئۇستىخان» بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پوسكام ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىغا تاماققا ئېلىپ كىرگەن.

بۇ كادىر رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا يەنە، ئۇلارنىڭ قورىما چۆپ يېگەنلىكىنى، بىراق ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ تاماقنى يەپ بولۇپلا دەرھال قۇسۇشقا باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن كەنت سېكرېتارىنىڭ مەرھۇمنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىقىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كادىرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئابابەكرى سايىتنىياز ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، 2 كۈندىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن. ئۇ، مەرھۇمنىڭ قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق بولسا خىتاي دائىرىلىرىنى ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ «سىرلىق ئۆلۈمى»گە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىپلا ئۆلۈپ كېتىشى گۇمانلىقكەن.

دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىر ئىنساننىڭ تۈرمىگە تۇتۇلۇپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا ئۆلۈپ كېتىشى، بۇ يەردە ئوچۇق ئەدلىيە تەكشۈرۈشى بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن سىرت مېدىتسىنا، سەھىيە جەھەتتە بولسىمۇ، بۇ ئىنساننىڭ تولۇق نېمە سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانمۇ، تاياق يېگەنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىدە بەزى سەۋەبلەر بارمۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئەلۋەتتە ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىنلا دېمەك، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئېغىر بىر مەسىلە بار، دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز».

دىلشات رىشىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىش ياكى تۈرمىدىن چىقىپلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالىدىغان بۇنداق ئەھۋالى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان. ئۇ، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت: «بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە بۇنداق مەسىلە ناھايىتى ئېغىر. تۈرمىگە كىركىتىپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان ياكى تۈرمىگە تۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالىدىغان. بۇ مەسىلىلەرگە خەلقئارا جىددىي ئارىلىشىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. د ئۇ ق بۇ مەسىلىلەرنى ب د ت دە ئوتتۇرىغا قويۇپ جىددىي ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ د ئۇ ق جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىر تۈرى».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇش، مەۋلۇت ئوقۇتۇش، بالىلارغا دىنىي تەربىيە بېرىش، ئۆيدە قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى ساقلاش، ساقال قويۇش، ھىجابلىنىش قاتارلىق دىنىي ئىبادەت ۋە دىنىي سىمۋوللارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ چەكلەپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنى قاتتىق جازالاپ كەلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان شەخس ۋە ئائىلىلەر نۇقتىلىق نوپۇس، دەپ بېكىتىلىپ، نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشقا ئۇچراپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.