ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-07-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
«بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا كادىرلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش»، «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن جازالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيدى. خەۋەرلەردە گەرچە جازالانغان ئەمەلدارلار ئىچىدە يەنە خىتاي كادىرلارمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما زەربە نىشانىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارغا قارىتىلىشى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن يەنە ئىككى خىتاي ئەمەلدار ۋە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەن ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئەركىن ئابدۇرازاققا «بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەشتە ئىككى يۈزلىمىلىك قىلدى»، «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى»، «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خوتەن گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، جازالانغان 8 كادىر ئىچىدە خوتەنلىك 7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قانچە يېزىلىق پارتكوملارنىڭ سېكرېتارى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان بۇ  7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. يەنە ئاشۇ خوتەن گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بولسا ، 5-ئىيۇل كۈنى قاراقاش ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئابلەت سالامەت قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشى تۈپەيلىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ پەقەت خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىنلا «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش»، «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىپ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان يېزا، كەنتلەردىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ سانى 650 نەپەردىن ئاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش « ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى كۈرەش» بۇلتۇر 9-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ئەمەلدار چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن باشلانغان سىياسىي ھەرىكەت . خىتاي خەلق تورىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە 2017-يىل 11-فېۋرال ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىللىق تەپتىش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنىدا  2016-يىل بىر يىل ئىچىدىلا دېلو تۇرغۇزۇلغان 835 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئەينى چاغدىكى خەۋەردە يەنە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىزمەت نىشانىدا، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەشتە مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق»، «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش»، «خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق» قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. 

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېيىلىۋاتقان بۇ رايوندا، خىتاي كادىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان، ۋە ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك كادىرلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى يوقىتىپ، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن تۈركىيە ھاجە تېپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «ئىقتىسادى» سەۋەب بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىلىك» كە قارشى سىياسىي كۈرەش پائالىيەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى دائىرىلەر ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت خەۋىرىدىكى جازالانغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاشتا ھەر ۋاقىت ئۇلارغا «خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلىش، دىنىي رادىكاللىق ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە ئىرادىسى مۇستەھكەم بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان يەرلىك كادىرلارغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى ۋە رايوندا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا قارىتا بۇ خىل ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ۋە جازالاش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالىشى سەۋەبلىك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى جاۋابكارلىقنى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا، بولۇپمۇ سىستېما ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى»، «ئىككى يۈزلىمىلىكى» قاتارلىقلارغا ئارتىش، ئۇلارنى جازالاپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئازايتىپ، ئۆزى ئىشىنىدىغان خىتاي كادىرلارنى خىزمەتكە قويۇش ئارقىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە رايوندا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت