ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى: «ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرىدۇر»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان مەخسۇس بايانات.
باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان مەخسۇس بايانات.
Photo: RFA

بۈگۈن، يەنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى قارار ئېلان قىلىپ، ھەر يىلى 15-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

بۈگۈن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى مەزكۇر باياناتنىڭ قانداق شارائىتتا چىقىرىلغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش توغرىلىق ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىلىم دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل مۇقەددەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىگە قارشى ھەر يىلىنىڭ «15-ئىيۇن» كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

دولقۇن ئەيسا يەنە، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۈگۈنكى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دە ئائىلىسى بويىچە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئىرادىسىنى ئىپادە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئالاھىدە كۈندە ساپ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشىنىڭ ئۆزىنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئائىلىدىن تارتىپ مەكتەپ ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكىچە سۈپۈرۈپ تاشلاش پىلانىغا كۆرسىتىلگەن بىر ئەجەللىك قارشىلىق دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە، باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى ئالاھىدە كۈندە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش توغرىلىق خەلقئاراغا بايانات چىقىرىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت