2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.11.23
herbiy-manewir-basturush-saqchi.jpg ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.
AFP

«يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە سولانغان ۋە كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار

2017-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەڭ كۈچەيگەن بىر يىل بولدى. خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ياكى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئايلارچە سولىنىشى ياكى غەيرىي-رەسمىي ئۇسۇلدا سوتلىنىپ قاماققا كېسىۋېتىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى مۇھىم سۆز تېمىسىغا ئايلانماقتا. تۆۋەندە 2017-يىلىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان ياكى قاماققا كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 9-ئايدا چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەردى. 2016-يىلى 28-دېكابىر كۈنى خوتەندە قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 2017-يىلى 14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيەسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچى ۋە ئەسكەرلەر قاتناشتۇرۇلغان نەچچە مىڭ كىشىلىك ھەربىي پارات ۋە ئوچۇق مەيدان كۈرەش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ-كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى جايلاردا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە «ئوچۇق مەيدان سوتىدا مەسىلە تاپشۇرۇش» ھەرىكىتى باشلاندى. 2017-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەت يەنە «ئەسەبىيلىككە ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى دولقۇنغا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئىدىيە ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئايلاپ-ئايلاپ سولىۋېلىش ۋە جازا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلاش ھەرىكىتىگە ئۆزگەردى.

تۆۋەندە 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان «زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتىمىز.

1. «28-دېكابىر قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن

«28-دېكابىر قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دىن كېيىن، قاراقاشتىكى ئاكا-ئۇكا توختىمەمەت تۇرسۇننىياز ۋە ئىنىسى نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز «ۋەقە گۇماندارى» دەپ ئېلان قىلىندى. 2017-يىلى يانۋارنىڭ 1-ھەپتىسى قاراقاش ناھىيەسىدە كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن باشلاندى. شۇ مەزگىلدە توشقان ئوۋلاشقا چىققان 22 نەپەر توشقان ئوۋچىسى تۇتۇپ كېتىلدى. ناھىيە تەۋەسىدىن 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنى 2-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر كادىر «28‏-دېكابىر ۋەقەسى» دە «بىپەرۋالىق قىلغان،» دەپ قولغا ئېلىندى. ئۇلار قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى غوجائابدۇللا، ياۋا يېزا جاھانباغ كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مەمەتنىياز يۈسۈپ، جۈمەبازار كەنتىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇمەمەت سادىر قاتارلىقلاردۇر.

2. 14-فېۋرال گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىنكى تۇتقۇن

14-فېۋرال گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆمەر ئابدۇراخمان، مەمتىمىن ئابدۇراخمان ۋە ئەخمەت ئەلى قاتارلىق بىر ئائىلىدىكى 3 نەپەر ئاكا-ئۇكىلار «ۋەقە گۇماندارى» دەپ ئېلان قىلىندى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىندى. رادىيومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا پىچاقلىق ھۇجۇمدا باج ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بىلەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ ئايالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. گۇمىدىكى بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسى توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان. ئۇلار يەنە 14-فېۋرال كۈنى ساقچىغا چاقىرتىلغاندا مەزكۇر ۋەقەنى پەيدا قىلغان ئىكەن.

3. خىتاي ئاخباراتتىن مەخپىي تۇتقان يەنە بىر ۋەقە-«9-فېۋرال يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى»

خوتەندە ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن مەزگىلدە قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىمۇ ھۇقۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2017-يىلى 9-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭىسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا پالتىلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 4 كىشى ئۆلۈپ، بىر كىشى يارىلانغان.

يېڭىساردىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى مەمەت ئەلى 8 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. پالتىلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر يېڭىسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ سەيشيا، سېتىل يېزا 3‏-كەنتنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇخالىق ۋە يېڭىسار بازىرىدىكى ئىككى نەپەر خىتاي دۇكاندار ئىكەن.

2017-يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خوتەن ۋە قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا قايتىدىن كۈچەيتىلگەن «ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە پۈتۈن يېزا ئاھالىسى قاتناشقان «نەق مەيداندا مەسىلە تاپشۇرۇش ۋە ئوچۇق مەيدان سوتى» دا ئۇيغۇرلار ئاۋۋال مەسىلە تاپشۇرۇپ، ئاندىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

4. ئاقسۇنىڭ كۇچار ۋە شايار ناھىيەلىرىدە «ئوچۇق مەيدان سوتى» ئېچىلىپ ئۇيغۇرلار قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە «ئوچۇق مەيدان سوتى» ئېچىلىپ، سەيپىدىن ھېمىت، ئەخەت ئابدۇللاھ ۋە مەلىكە ھېمىت قاتارلىق 7 كىشى «ھىجرەت تەشۋىقاتىنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە تارقاتقان» لىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن. ئۇلاردىن مەسىلە تاپشۇرغان 4 كىشىگە 1 يىلدىن 3 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، سىرتتا ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغان؛ مەسىلىسىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ئىككى كىشى نەق مەيداندا كويزا-كىشەنلەنگەن ھالەتتە سوت كوللېگىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇزۇن بازارلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بوستان كەنتىگە مەسئۇل ساقچى خادىمى ۋە بوستان كەنتىدىكى بىر مەھەللە باشلىقىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر «ئوچۇق مەيدان سوتى» غا 1000غا يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان.

5. 2017-يىلى 1-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە 300 گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاينىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى ساقچىخانىسى ئادەم تەشكىللەپ ئايدۆڭ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرغان. ئۆيدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار ئاختۇرۇشنى كۈچەيتىپ يەر ئاستى ئۆيىدە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 10 نەچچە بالىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ئىمام ۋە تالىپ بالىلار، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. رادىيومىز ئەينى چاغدا ئەھۋال ئىگىلىگەندە غۇلجادىكى ساقچى دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئايدۆڭدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن باشقا ئىنكاسلاردا غۇلجا قازانچى ساقچىخانىسى ئېلىپ بارغان تۇتقۇننىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە 5-فېۋرال كۈنى دائىرىلەرنىڭ غۇلجا شەھەر كوچىلىرىدا برونېۋىكلار بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.