قوبۇقساردىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.11.20
mejburiy-cheqiliwatqan-Uyghur-qoro-jay-oy.JPG ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ مەجبۇرىي چېقىلىۋاتقان بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جايلىرى. 2012-يىل، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل مايدا قوبۇقسار ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر پاجىئە بىلەن نەتىجىلەنگەن.

ئۆي-جايى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈرتۈلۈپ تۈزلىۋېتىلگەن سەيپىدىننىڭ ئائىلىسى ماكانسىز قالغان. نەق مەيداندا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ 5-6 نەپەر خادىمى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئاكىسى ئابلاجان يېرىم يىلدىن كېيىن نىمجان ھالدا دوختۇرخانىدىن چىققان.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەيپىدىن سىدىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«قورۇ-جايىم بۇ يىل 6-ماي كۈنى مەن ۋە ئايالىم ئۆيدە يوق ۋاقىتتا شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن تۈرتۈلۈپ تۈزلىۋېتىلدى. ئاكام نەق مەيداندا ئېغىر تاياق يەپ يېرىم يىللاپ ئۈرۈمچىدە داۋالاندى. ئۇكام بىلەن يەڭگەم سولاپ قويۇلدى. شۇندىن ئېتىبارەن 20 يىللاپ ياشىغان قوبۇقساردا ئۆي-ماكانسىز قالدۇق.»

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ئەرز قىلىپ بارمىغان يېرىمىز قالمىدى. قۇرۇلۇش ئىدارىسى پەقەتلا 100 كۋادرات كېلىدىغان ئۆي ئورنىمىزغا 310 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىغان بولدى. قورۇيۇمدىكى قالغان 300 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ناۋايخانا، قوتان ۋە باشقا يېڭىلاپ سالغان ئۆيلىرىمگە بىر تىيىن بەرمىدى. ئۇلار بېرىمىز دېگەن 310 مىڭ يۈەن پۇلنى ھازىرغىچە بەرمىدى. سۈرۈشتۈرسەم ‹ھۆكۈمەتتە پۇل يوق› دەيدۇ تېخى!»

ئۇ ئاكىسى ئابلاجان سىدىقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«ئاكام 5-ئايدىن بۇيان قوبۇقسار، قاراماي ۋە ئۈرۈمچىلەردە داۋالاندى. دەسلەپ ئۇنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئەنسىرىدۇق. تاياق زەربىسىدىن يۈرەك قان تومۇرلىرى زەخىملەنگەچكە ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدا يۈرىكىگە تېرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. داۋالىنىش چىقىملىرىنى ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تۆلىدى. ئەمما ئاكامنى ئۇرغۇچىلار بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. دوختۇرخانىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىزىقى بويىچە ئەسلىدىنلا يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن، بۇ قېتىم ئازراق زەربە يېگەن دەپ 8-دەرىجىلىك يارىلىنىش دەپ ئىسپات چىقىرىپتۇ. مەن ئاكامنى بۇنى قوبۇل قىلماسلىققا، دوختۇرخانىدىن چىقماسلىققا ئۈندىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ كىملەرنىڭدۇر كۆرسەتمىسى بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقتى-يۇ، لېكىن نىمجان بولۇپ چىقتى. ھازىر ئۇنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى يوق، تېخى ئۆتكەندە ئۆيىدە تۇيۇقسىز يىقىلىپ يەنە داۋالىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ باقىدىغان 3 بالىسى بار.»

مەلۇم بولۇشىچە، قوبۇقسار ناھىيىسىدە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن سەيپىدىن 2008-يىلى ھازىر چېقىۋېتىلگەن قورۇ-جايىنى سېتىۋالغان، ئەمما يەر خېتى بىلەن ئۆي-مۈلۈك خېتىگە ئېرىشەلمىگەن. ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرىكى بىر ئەمەلدارى سەيپىدىن قاتارلىق 7 كىشىگە ناھىيە بازىرىنىڭ سەل چېتىدىن 7 يۈرۈش قورۇ-جاينى ساتقان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سەيپىدىن قاتارلىق 7 كىشىگە ئاق قەغەزگە ھۆججەت يېزىپ بېرىپ، يەر خېتى بىلەن ئۆي-مۈلۈك خېتىنى بەرمىگەن.

ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندە ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بۇ ئۆيلەرنىڭ «يەر خېتى بىلەن ئۆي-مۈلۈك خېتى يوق، قانۇنسىز مۈلۈك» دەپ مەجبۇرىي چاققان. ھېلىقى ئۆز دەۋرىدە ئاق قەغەزگە ھۆججەت يېزىپ ئۆي ساتقان ئەمەلدارمۇ شۇ پېتى غايىب بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.